ئازاپلانما، ئەنە شۇنداق دۇنيا بۇ
زۆھرە
ئولتۇرۇپسەن ئاپپاق بۇلۇت ئۈستىدە ،
ئىڭەك يۆلەپ غەمگە چۆكۈپ، مۇڭلۇنۇپ .
چىرايلىرىڭ سامان كەبى سارغايغان ،
كۆزلىرىڭگە تارام -تارام ياش تولۇپ .
ئېيتقىن گۈزەل، دىلى يۇمشاق دىلبىرىم،
نە ئازاپتۇر سېنى بۇنچە قىينىغان؟
ياكى دوستۇڭ ئايلاندىمۇ رەقىپكە ،
ئىتتەك تالاپ ئەقىدەڭنى ئۇنتۇغان ؟
ئازاپلانما، ئەنە شۇنداق دۇنيا بۇ،
ئادەم تولا، ئادىمىيلىك يوقالغان .
نەپسى ئۈچۈن ئازغىنە نەپ ئالدىدا ،
مۇھەببەتلىك يۈرەكلەرنى خۇن قىلغان .
پىكىر تەكلىپلەر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن ،رەھمەت!
| 56 قېتىم كۆرۈلدى | زۆھرە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-19 2:35:13 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|