بەرمە
ئۈچتۇرپاندىن ئەسقەر
《ئاغزى دوست》 لارغا ئاغزىڭدا دوست بول ،
ئىلكىڭدىن بىر تال قىلىڭنى بەرمە .
ئۆزۈڭ تەر تۆكۈپ ، ئۆزۈڭ كۆكلەتكەن
بېغىڭدىن بىر تال گۈلۈڭنى بەرمە .
ئالدايدۇ سېنى يالغان ۋەدىسى ،
قولىنى سۇنسا قولۇڭنى بەرمە .
ئاغزى دوستلىرىڭ پەگادا تۇرسۇن ،
مەرىكەڭگە كەلسە تۆرىڭنى بەرمە .
ئىنسان ۋۇجۇدى بىر تىلسىم دۇنيا ،
سۆيگۈڭ بولسىمۇ سىرىڭنى بەرمە .
سەندىن ئالغاننى دەيدۇ ئۆزىنىڭ ،
توڭلاپ ياتسىمۇ تونىڭنى بەرمە .
ئالتۇندىن ئەۋزەل بىلگىن كۆڭلۈڭنى ،
دۇر-زەر بەردى ! دەپ دىلىڭنى بەرمە .
يالغان دوستلاردىن دۈشمەنلىك كېلۇر ،
رولىڭنى بەرمە ، يولۇڭنى بەرمە .
| 122 قېتىم كۆرۈلدى | ئۈچتۇرپاندىن ئەسقەر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-8-6 22:59:14 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|