ئەسلەنمەيدىغان تۇنجى قېتىم

ئەسلەنمەيدىغان تۇنجى قېتىم

 

مەرھابا يۈسۈپ ( مەھبۇب )

 

 تۇنجى قېتىم مېنى يىغلاتقىنىڭنى ئۇنتالمىدىم، ئەمما تۇنجى قېتىم قاچان يىغلىغىنىم ئېسىمدە يوق ! 

 تۇنجى قېتىم سېنى سۆيگىنىمنى ئۇنتالمىدىم، ئەمما مېنى تۇنجى قېتىم كىمنىڭ سۆيگىنى ئېسىمدە يوق !

تۇنجى قېتىم مېنى جېنىم دېگىنىڭنى ئۇنتالمىدىم، ئەمما مەن تۇنجى قېتىم كىمنىڭ جېنىدەك بولغانلىقىم ئېسىمدە يوق ! 

 تۇنجى قېتىم سېنى قۇچاقلىغىنىمنى ئۇنتالمىدىم، ئەمما مېنى تۇنجى قېتىم قايسى ئىللىق قۇچاقلارنىڭ باغاشلىغىنى ئېسىمدە يوق ! 

 تۇنجى قېتىم سېنىڭ ئۈچۈن تېلىقىپ تېلىقىپ يىغلىدىم، ئەمما مەن ئۈچۈن كىمدۇ بىراۋنىڭ بىر زامان شۇنداق بوغۇلۇپ يىغلىغانلىقى ئېسىمدە يوق !

تۇنجى قېتىم چېچىمنى سىلىغىنىڭدا ئۆزۈمنى ئەڭ بەختلىك ئىنساندەك ھېس قىلدىم، ئەمما كىملەرنىڭدۇر تالاي قېتىم چاچلىرىمنى سىلاپ ھىدلىغانلىقى ئېسىمدە يوق !

تۇنجى قېتىم بوسۇغاڭدىن ئۇزىتىپ پېشانەمگە سۆيگىنىڭنى ئۇنتالمىدىم، ئەمما بىر بوسۇغىدىن تالاي قېتىملاپ سۆيۈلۈپ ئۇزىتىلغانلىقىم ئېسىمدە يوق !

تۇنجى قېتىم مېنى تاشلاپ كەتكىنىڭدە يۈرىكىمنىڭ قوقاستا پۇچۇلانغاندەك ئېچىشقانلىقىنى سەزدىم ، ئەمما تالاي قېتىملاپ كېتىشلىرىم بىلەن بىراۋلارنىڭ يۈرىكىنى قوقاستا داغلىغانلىرىم ئېسىمدە يوق ! 

 تۇنجى قېتىم جېنىمنى ساڭا بەرمەك ئۈچۈن ئاچچىق ئاغرىقتا ئەلەملىك تولغاندىم ، ئەمما قاچاندۇر بىر چاغدا مەن ئۈچۈن جان بەرمەك بولۇپ كىملەرنىڭ تولغىنىپ بىھوشلانغىنى ئېسىمدە يوق !

تۇنجى قېتىم سېنىڭدىن مۇھەببەت كۈتۈپ تەلمۈرۈپ باقتىم ، مەندىن مېھىر كۈتۈپ تالاي قېتىم تەلمۈرگەن قارچۇقلار ھامان - ئېسىمدە يوق ! 

 ئەسلەنمەيدىغان تالاي ئەسلىمىلىرىمنىڭ كۆلەڭگىلىرى ئىچىدىن ئاستاغىنە سۇغۇرىلىپ چىقىپ قۇلىقىڭغا شىۋىرلىغۇم بار : سېنى سۆيىمەن ! دەپ . - مەھبۇب





355 قېتىم كۆرۈلدى مەرھابا يۈسۈپ ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-5 15:20:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-22 0:48:13 نۇرگۈل
ئاپام بىلەن دادامنى ئەسلەۋاتىمەنغۇ بۇنى ئوقۇپ ، مەن ئۈچۈن ئازاپلانغانلارغا بەخت تىلەيمەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ