تاللىدىم سەن ئۈچۈن ئازاپ چېكىشنى
سەرۋى
يۈرەكنى غاجىلاپ كۆز ياشلىق كەچمىش،
سۆيگۈمگە راسلايدۇ تەھلىكە- تەشۋىش.
ئىسيانكار روھىمدا قۇترىسا قەغىش،
تاللىدىم سەن ئۈچۈن ئازاپ چېكىشنى.
نەپرەتكە ئايلانغان سۆيگۈمنى ئوراپ،
ئەزەلدىن قايغۇسىز يۈرگەننى دوراپ.
ھىدىڭنى تۇپراقتىن، شامالدىن سوراپ،
تاللىدىم سەن ئۈچۈن ئازاپ چېكىشنى.
يەر چىشلەپ تولغىنىپ ياتقانلىرىمنى،
ئەل ئارا ئىزاغا پاتقانلىرىمنى،
ئۇنۇتماي كەلسەممۇ تانغانلىقىڭنى،
تاللىدىم سەن ئۈچۈن ئازاپ چېكىشنى.
ئېچىلماي گۈللىرىم قولۇڭدا سولدى،
باغرىمغا لىق ھەسرەت ئەلەملەر تولدى.
شۇندىمۇ كېچىشلەر ماڭا يات بولدى،
تاللىدىم سەن ئۈچۈن ئازاپ چېكىشنى.
پەزلىمدە توسۇلدى چايان تىللارمۇ،
تۈسىنى ئۆزگەرتتى دۈشمەن دىللارمۇ.
كۈمۈش رەڭ بويىدى چاچنى يىللارمۇ،
تاللىدىم سەن ئۈچۈن ئازاپ چېكىشنى.
ئۆزۈمگە زۇلۇمنى كۆرمەيتتىم راۋا،
كۆڭۈلنىڭ رايىغا يوق ئىكەن داۋا.
كەچمىشتىن قانچە رەت قان قۇستۇم يانا،
تاللىدىم سەن ئۈچۈن ئازاپ چېكىشنى.
غورۇردىن كەچمىدىم سۆيگۈدىنمۇ ھەم،
شۇڭلاشقا كۆزلىرىم پىنھانلاردا نەم.
قاينىشار يارەنلەر ئەتەمدىن يەپ غەم،
تاللىدىم سەن ئۈچۈن ئازاپ چېكىشنى .
بۇ ئازاپ كېتىدۇ ، كەلسە قارايى ،
ھەممىدىن يامىنى ۋىجدان ئازابى .
بولساڭمۇ سۆيگۈمگە قەرزدار گادايى ،
تاللىدىم سەن ئۈچۈن ئازاپ چېكىشنى .
2016-يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى (ئاقسۇ. سۈزۈك ئېقىن )
33 قېتىم كۆرۈلدى | Sarwi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-6-10 11:48:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|