كەل نىگارىم يېزىلغان يەرگە
سەيپىدىن ئامۇت
بەرگەن پېتى باقىيلىققا قول،
كەل نىگارىم سۆزلەيلى بىرگە.
ھېچكىم مىكرى سەۋەپ بولمىسۇن،
كەل نىگارىم يېزىلغان يەرگە.
شەرمىڭنى يار ئورا پۇختىلا،
ئازغۇنچى دار كەتسۇن گۈمۈرلۈپ.
تىنىشىڭنى باشلا باھاردىن،
ئۆلۈۋالسۇن جۇتلار تۈگۈلۈپ.
قاراڭغۇنىڭ لەۋلىرىدىن قال،
دىلىستانىم بەرقىدە ئۈنلە.
كۆڭلۈڭنى بەر كۆڭلۈمگە مەھكەم،
گۈللىرىڭنى ئۇزاتما كۈزگە.
ئىچىڭدىكى ئاتەشۇ ئوتنى،
كۆيدۈرۈۋەر گۈر-گۈر ئوخشۇتۇپ.
كەل نىگارىم يېزىلغان يەرگە،
جەم بولىمىز بىز بىرگە تولۇپ.
2016.21ئىيۇل
24 قېتىم كۆرۈلدى | سەيپىدىن ئامۇت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-7-28 23:48:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|