گۇگۇم تىنىقلىرى

گۇگۇم تىنىقلىرى

 

ئەكبەر مۇھەممەد ئەمىن سەئىدى

 

 پۈتۈن بىر كۈن ئاسمانغا ئېتىلغان ئوقياغا ئوخشاش نىشانسىز تۇرمۇش غەملىرى ئۈچۈن جان تالىشىپ ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئۆتكەن تۇلپارغا ئوخشاش ماغدۇرسىزلىنىپ ئەلەڭلىگىنىمچە ئانچە ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ مەن ئۈچۈن ئىللىقلىق بېغىشلايدىغان، لىكىن ھەرۋاقىت غېرىپلىق يامغۇرلىرى يېغىپ تۇرىدىغان، ئاددى غېرىبانە كەپەمگە تىنىچ ـ ئامان كىرىۋالدىم.ۋە ئاچچىق ـ چۈچۈك غەم ـ قايغۇلارنى، بارچە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى، ئازابلىق سېغىنىشلارنى، ۋىسالسىز سۆيگۈ ئۇرۇقلىرىنى،يەتكىلى بولمايدىغاندەك بىلىنىدىغان، لىكىن مەن ئۈچۈن شۇ ئاچچىق تۇرمۇشۇمنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ موتۇرى بولغان ئارزۇ ـ ئارمانلىرىمنى، شىرىن ئەسلىمىلىرىمنى ، قەھرىتان ئايلىرىدىكى ئىرىمەس مۇزلاردەك سوغۇق، جاناننىڭ كۆزلىرىدەك سۈزۈك، لەۋلىرىدەك شىرىن بىر ئىستاكان سۇغا دەملەپ،ئۇزۇندىن بۇيان ئىشقىدا كۈيۈپ ـ كاۋاپ بۇلۇپ يۈرگەن، كۆزلۈرۈمنى يۇمساملا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ھالىتى كۆز ئالدىمدا نامايەن بۇلىدىغان سۆيگۈنۈمنىڭ يۈرەك سۇقۇشىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقىرىپ ئىچىۋەتتىم. يۈزمىڭلىغان ھەرىلە ئۇۋىلاپ شاد ـ خۇرام بەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ يۈرگەندەك قالايمىقان، نىمىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئىرماش ـ چىرماش خىياللار پاسكىنا قىلىۋەتكەن بۇ مېڭەم ئاز تولا ئارام تاپقاندەك بولدى.

 ئاستاغىنە بېرىپ ئۇزۇندىن بىرى ماڭا ھەمرا بۇلۇپ غېرىپلىقىمنى چاندۇرماي كىلىۋاتقان ئامراق ئۈستىلىمنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئولتۇرۋالدىم. ئەتراپىم خۇددى قاراڭغۇلۇقنىڭ رەھىمسىز ئالقانلىرى چىرمىۋالغان چەكسىز ئورمانلىتەك شۇنچىلىك جىمجىت، شۇنچىلىك تىمتاس. ئالدىمدا خۇددى ئۆچەي دەپ قالغان شام يۇرۇقىدەك ئاجىز نۇرلىرىنى ئىرىنچەكلىك بىلەن چىچىپ تۇرغان ئۈتەل چىرىقى تەلمۈرۈپ تۇراتتى. شوخ ئويناۋاتقان گۈدەك بالىلارنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرەشلىرىدەك يېقىملىق كۈندۈزنى رەھىمسىزلەرچە يالماپ يۈتىۋەتكەن، نەچچەمىڭ كىلومىتىرلىق دېڭىزنىڭ تىگىدەك قاراڭغۇ ۋە جىمجىت كېچىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان، تەبەسسۇم قىلىپ تۇرغان جاناننىڭ يۈزلىرىدەك نۇرلۇق تۇلۇن ئاي دەرىزەمدىن مارىلاپ مىنىڭ ئۇنىڭغا نىمىلەرنىدۇر دىيىشىمنى كۈتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۈستەل ئۈستىدە مىنىڭ ئەڭ ياخشى سىردىشىم بولغان دەپتەر ۋە قەلەملىرىم غېرىبانە تۇرقىنى چىقىرىپ، سوزۇلۇپ ياتماقتا. گوياكى مىنىڭ بەزى ۋاقىتلاردىكىگە ئوخشاش قىسمەتلەرنىڭ كۈيلىرىگە، ياشلىقىمنىڭ گۈللىرىگە، جانانىمنىڭ كۆزلىرىگە تەڭكەش قىلىپ، سۈتتەك ئاپپاق قەغەز ئۈستىدە بارماقلىرىم بىلەن لىرىك تانسىغا چۈشۈشنى ساقلىماقتا.

 شۇ تاپتا بىپايان چەكسىز قۇملۇق بىر تال يېشىل چۆپنىڭ مۇھەببىتىگە تەشنا بولغاندەك ئىلھام قىزىغا تەشنامەن. ئۇ بۈگۈن نەلەرگە غايىپ بولغاندۇ؟ . بەلكىم ئۇنى ئىزدەپ ئېلان بىرىشىم كېرەكتۇ. ؟ ئۆزۈم يازغۇچى ياكى شائىر بولمىساممۇ، ئىچىم پۇشقان، غېرىپسىنغان چاغلىرىمدا، ئىلھام قىزى يوقلاپ كەلسە خۇشاللىقىمدىن قەلەملىرىمنى زەخمەك قىلىپ دەپتەرلىرىمنىڭ تارىسىغا يۈرۈكۈمنىڭ چۇڭقۇر قاتلامرىدىن چىقىۋاتقان مۇڭ پەدىگە تەڭكەش قىلىپ ئۇرۇپ قۇياتتىم. بۈگۈن نىم بولدىكىن تاڭ، ئۇ چەكسىز قۇملۇققا سىڭىپ كەتكەن بىر تامچە يامغۇې تامچىسىدەك، مەھبۇبىسىدىن دىلى قاتتىق ئازار يەپ، ئۇنىڭدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىغان نازىنىن قىزدەك ئىزدىرەكسىز غايىپ بولغان. شۇنداق بولسىمۇ قاناتلىرى بۇغۇشلانغان، كېسەلچان، ماغدۇرى قالمىغان خىيال كەپتىرىمنى ئەركىن قۇيىۋېتىپ، ھەيكەلدەك بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم. كەپتىرىم ئۇچۇشقا ئامالسىز. قەدىمى قەبىلىدىكى مەدەنىيەتسىز ئىنسانلار بازىرىدىكى ئاشۇ كىشىلەرنىڭ چۇقانلىرىدەك قۇلاق تۈۋىمدە گۈركىرەۋاتقان دۇنيا شاۋقۇنلىرى ئۇنى بىتاپ قىلغان.

كۆزلىرىم تالدى بولغاي ئارام ئېلىشقا تەمشەلدى. قاپاقلىرىم خۇددى ئېغىر گەۋدىلىك بىرسى دەسسەپ يۇقىرغا يامىشۋاتقاندەك پۈرلەشتى . ئەلەڭلەپ تۇرغان كائىناتتىكى تۇرقۇمدىن زوقلاندىم. بەزى كۆرۈنمەس بارماقلار ئىرىنچەك سەلكىن شامالدەك قەلبىمدىكى لەرزان مۇزىكىنى ئۇرۇندىماقتا. يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەكتەك نىشانسىز ھالدا چەكسىز ئاسمان بوشلىقىدا ناخشا ئېيتىۋاتقان شاماللارغا ئەگىشىپ لەيلەپ يۈرمەكتىمەن. ئۆزۈمنى چاڭقاپ ئۆلەي دەپ قالغان ئادەمنىڭ ئۇسسۇزلۇق ئىچىۋاتقان ھالىتىدىكىدەك راھەت ھىس قىلماقتىمەن. پۈتۈن دۇنيا كۆز ئالدىمدا كىچىكلىتىلگەن ئالمىدەك نامايەن بولماقتا. دۇنيا ئۆزىنىڭ ئامراق ئادىمى ئالدىدا ئۆزىنىڭ چەكسىز نىقابىنى ئاچتى. ئۇ خۇددى بىر ناخشىدەك، خۇددى مەڭگۈلۈك سۈيۈشتەك كىچىكلەپ كەتتى. مەن بارلىق ئاۋازىمنى قۇيۋېتىپ ۋارقىردىم. ئەي، دۇنيادىكى بىر توپ ساراڭلار. قەلبىمدىن چىقىۋاتقان كۈچلۈك جاز مۇزىكىسىغا جېنىڭلارنىڭ بارىچە دەسسەڭلار. مىسرالىرىم ئارىسىغا ئىزلىرىڭلارنى قالدۇرۇپ كىتىڭلار....!!!

 لىكىن ئاۋازىمنى ھەتتا ئۆزۈممۇ ئاڭلىيالمىدىم. خۇددى چۇڭقۇر،قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى كىچىككىنە قۇرۇتنىڭ يۈرەك سوقۇشىنىڭ ئاۋازىدەك. ئىزغىرىن شاماللار مىنى چەكسىز دېڭىزنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدىكى كىچىككىنە قۇلۋاقتەك ھەر ياققا لەيلىتىپ سۆرەپ ئېلىپ ماڭماڭتا...دۇنيا ئۆزىنىڭ چۈمپەردىسىنى يىرتىۋەتتى. مەن خۇددى يېڭىلا دۇنياغا كۆز ئاچقان سەبى قۇزىچاقتەك ئۇنىڭغا ھەيرانلىق ئىچىدە نەزەر سالدىم.ئۇ ماڭا ئۆز كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. مەكتەپلەردە مۇئەللىمنىڭ سۆزلەپ بەرگىنى خىجىللىقىدىن كىچىككىنە بىر بۇلۇڭدا بۇيۇن قىسىپ، ئۈنسىز ياش تۆكۈپ ئولتۇراتتى. ئاۋۇ جايدا بىرسى قېنىنى ساتماقتا. ئاۋۇ جايدا بىرسى تىنىنى ساتماقتا. ئاۋۇ جايدا بىرسى قىزىنى ساتماقتا.ئاۋۇ جايدا بىرسى جېنىنى ساتماقتا .ئاۋۇ جايدا بىرسى يۈرىكىنى ساتماقتا. ئاۋۇ جايدا بىرسى بۆرىكىنى ساتماقتا. ئاۋۇ جايدا بىرسى ئۈلىكىنى ساتماقتا. ئاۋۇ جايدا بىرسى ..........ئەسلىدە بۇ بىر قايناق سودا مەيدانىكەن ئەمەسمۇ .....ئاۋۇنىڭ بېشى نىمانداق يۇغان، ھە ... ئەسلى ئۇنىڭ كاللىسى قۇرۇقكەن.ۋۇي ..! ئاۋۇنىڭ قورسىقى ئەجەپ يۇغانكىنا ..؟ ھە ... ئەسلىدە ئۇنىڭ قورسىقىدا جىن باكەن. ! ئاۋۇنىڭ بۇيى نىمانچە ئىگىز ..؟ سىنچىلاپ قارىسام ئۇنىڭ پۇتىنىڭ ئاستىدا نۇرغۇن ئادەملەر باركەن ...! ئاۋۇنىڭ ....... ئاۋۇ جايدا بىرسى كۆزلىرىدىن چىققان ۋەھىمىلىك بوران ئارقىلىق يەنە بىرسىنى ئاللىقاياقلارغىدۇر ئۇچۇرۋەتتى ...ئاۋۇ جايدا بىر پاقا شۇنداق ئەپچىللىك بىلەن بىر ھاشارەتنى يۇتىۋەتتى، بىر يىلان كىلىپ شۇنداق تىزلىك بىلەن پاقىنى يۇتىۋەتتى . كەينىدىن بىر بۈركۈت ئۇنى ئېلىپ كۆككە كۆتۈرۈلدى ۋە ئۇۋىسىغا ئېلىپ بېرىپ باللىرىغا پارچىلاپ بەردى. كىيىن ئاسماندا ئۇچۇپ كىتىۋېتىپ قاتتىق بىر بورانغا سوقۇلۇپ قانىتى سۇندىدە يەرگە چۈشۈپ قۇرۇتلارغا يەم بولۇپ توپىغا ئايلىنىپ كەتتى. ئۇ ئەسلىدە ئۆزىنى مەڭگۈ كۆكتە پەرۋاز قىلىمەن دەپ ئويلىغان ئىدى. ھە ... بۇ ئەسلى بىر جەڭ مەيدانى ئىكەندە .... ...... .....

 تۇيۇقسىز بىرسى سوراپ قالدى "سەن كىم؟ ئىسمىڭ نىمە؟ قەيەردىن كەلدىڭ؟ قەيەرگە ماڭدىڭ؟ بۇ يەردە نىمىش قىلىسەن؟ "

لىكىن بۇ ئاۋازنىڭ زادى قەيەردىن كىلىۋاتقانلىقىنى زادى بىلمەيتىم .بۇ سۇئال شۇنچىلىك دەھشەتلىك، شۇنچىلىك ۋەھىمىلىك، شۇنچىلىك جاراڭلىق ئىدى. مىنىڭ تىلىم كالۋالىشىپ، تىنىقىم يىتىشمەي، يۈرۈكۈم توختاپ قالغىلى قىل قالدى ... بەلكىم توختاپ قالدى ...تۇيۇقسىز دەھشەتلىك بىر قارا قۇيۇن چىقىپ،خۇدى يەتتە باشلىق يالماۋۇزدەك ئاغزىنى يوغان ئېچىپ ماڭا قاراپ كىلىۋاتاتتى. ئەتراپنى گۆر قاراڭغۇلىقى قاپلىدى. غايىپتىن شۇنداق قاتتىق بىر تەستەك تەگدىدە، خۇددى ئوۋغا ئېتىلغان لاچىندەك يەرگە موللاق ئېتىشقا باشلىدىم.

ئاھ، خۇدا ...!!! كۆزۈمنى ئاچسام يەنە شۇ جايىمدا ئولتۇرۇپتىمەن! يۈرۈكۈم تېخىچە قەپىسىدىن قېچىپ چىقىپ كىتىشكە ئۇرۇنىۋاتقان بىچچارە قۇشتەك ئەنسىز سوقماقتا. ئۈستىباشلىرىم چىلىق ـ چىلىق ... شۇ تەرىقىدە قەدىرلىك ئۇيقۇمۇ مەندىن بىزار بولغاندەك قىلاتتى، زادىلا يېقىن كەلمىدى. زارىقىپ كۈتكەن گۈزەل تاڭ ئاخىرى قاراڭغۇ تۈن پەردىسىنى يىرتىپ تاشلىدى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاستاغىنە ئەينەك ئالدىغا بېرىپ يۈزۈمگە قارىسام يۈزۈمدە بىر ئىز ساقلىنىپ قاپتۇ .... تېخىمۇ سىنچىلاپ قارىسام ئۇ "ھايات " دىگەن خەتكە ئوخشاپ قالاتتى ..

مەن ھېلىقى سۇئاللارنى ئالتۇن بەتلىرىمگە خاتىرلىۋالدىم. يۈرۈكۈمگە ئۇيۇپ يىزىۋالدىم. ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىكى ئەركە بالىدەك تىنىمسىز تۇيغۇلار ئىچىدە تەپەككۇر دېڭىزىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئۇشبۇ مىسرالار لەيلەپ چىققاندا مەن دەرھال ئۇلارنى سۈزىۋالدىم . . مۇرەككەپ بۇ دۇنيا مۇرەككەپ ئىنسان، مۇرەككەپ بۇ تۇرمۇش مۇرەككەپ جەريان، ياشاپ باق ئۆلمىسەڭ كۆرىسەن تېخى، چوقۇمكى ئۆزۈڭگە قالۇرسەن ھەيران . نىشانسىز يوللاردا بۇلۇرسەن سەرسان، ۋاپاسىز يارلارغا بۇلۇرسەن پايخان، دۈم يېتىپ پىنھاندا يىغلايسەن تېخى، دەردىڭگە تاپالماي بىرەرتال غەمخان. بىرىگە گۈل بولۇپ بىرىگە گۈلخان، بىرىگە زار بولۇپ قىلۇرسەن ئارمان، مەيلىغۇ بۇلارغا دادلاش نە كېرەك، ھەممىگە مەن كەبى بولۇرمەن پالۋان. بولساممۇ ھەر خىل يوللاردا ماڭغان، ھە مەيلى ھەتتاكى ئادەممۇ ئازغان، ياشايمەن مەيدانىم ئېنىقتۇر ئېنىق، گۈل ئەمەسمەن بىراقكى بولماسمەن ئازغان.





303 قېتىم كۆرۈلدى ئەكبەر مۇھەممەد ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-27 8:36:16  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ