كىچىكىپ قاپتىمەن

كىچىكىپ قاپتىمەن

 

ئابدۇساتتار باشلان

 

 تولۇن ئايدا كۆرگەن قىزنى مەن،

 چىن يۈرەكتىن سۆيۈپ قاپتىمەن.

ئەمدى كۆرۈپ خۇشال بولغاندا،

 ئاڭلاپ باقسام كىچىكىپ قاپتىمەن،

 

 تاتلىق لىۋىگە سۆيەي دىگەندە،

 ئۆزگىلەرمۇ سۆيۈپ بوپتىكەن.

 ئازاپتا قىلىپ، ھىجىران چىكىپ مەن،

 بۇرۇندىنلا كىچىكىپ قاپتىمەن.

 

 خىيال سۈرۈپ ئارماندا قىلىپ،

 سۇلاردىن چىقىرىپ ئوتلارغا سىلىپ.

 مىسكىن يۈرەكنى كاۋاپتەك ئىتىپ،

 يۈرەك بىرىشكە كىچىكىپ قاپتىمەن.

 

 كۆڭۈل بىرىپ ئۆزگىلەرنىڭ يارىغا،

ئىرىشەلمىدىم قات-قات باغرىغا،

 كىممۇ چىدىسۇن سۆيگەن يارىغا،

 بەخىت تىلەپ كىتىپ قاپتىمەن.

 

 سىزنى ئويلاپ ئازاپتا قاپتىمەن

 يالغۇز قىلىپ سەۋدايى بوپتىمەن.

 ئاھۇ زارىمنى دەرياغا ئىيتىپ،

 جاۋاپ ئالالماي كىتىپ قاپتىمەن.

 





344 قېتىم كۆرۈلدى baxlanhulja ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-9 9:53:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ