مۇزلىغان يۈرەك
يۈرۈكۈم ئاغرىدى مۇزلىدى قاتتى،
دەرىت ئەلەم بېغىغا بىلىچە پاتتى.
ئاھ دىدىم يىغلىدىم قاقشىدىم تالدىم،
ئىشەنگەن ئادىمىم مىنى ھەم ساتتى.
دەتلىرىم ئۆزۈمگە يىتەتتى ئېشىپ،
پارتىلاپ چىقماقتا ھەر يەردىن تېشىپ.
چىدىدىم چىدىماي ئامال بولمىدى،
سەۋىرىم تۇر دىدى تۈگۈننى يېشىپ.
يۈرۈكۈم توختىماي قىلىدۇ نالە،
ئازابىم دەردىمگە تاپالماي چارە.
قەلبىمدە شادلىقتىن قىلچە دىرەك يوق،
كۈلپەتلەر ئىچىدە يۈردۈم سەك پارە.
دەردىم جىق ئېچىلىپ يۈرەلمىدىم مەن،
شۇ سەۋەپ خوش بولۇپ كۈلەلمىدىم مەن.
يۈزۈمدە تەبەسسۇم قىلغىنىم ھەم راس،
يالغاندىن كۈلۈشكە كۆنەلمىدىم مەن.
--- تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
2016-يىلى8-ئاينىڭ5-كۈنى(جـــــــۈمـە)
198 قېتىم كۆرۈلدى | تۇنساگۈل ئىسمائىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-8-6 16:51:51 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-8-21 10:19:01 | ئەرچىن |
ياخشى يىزىپسىز ،قەلىمىڭىز ھارمىغاي |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|