قەلبىم يىغلايدۇ
ئابلىمىت ئوسمان (مەرىپەت ئوغلى)
سۆيدۈم ،سۆيۈپ كەلدىم ساداقەت بىلەن،
ۋىسالسىز ئەلەمدە يىللار ئۆتسىمۇ.
كەلمىدىڭ ئاي كەبى رۇخسارىڭ بىلەن،
كۆز يېشى پايانداز، يارىڭ كۈتسىمۇ.
توزغاقتەك تۇزىدى جىسمىم-ۋۇجۇدۇم،
يۈرۈگۈم چوغ كەبى كۆيەر شۇ قەدەر .
سۆيگۈمدە قان يىغلاپ تۈن كېچەلەردە ،
سەنسىز ھەر تېنىقىم بولدى بىر زەھەر.
پەسەيمەس بىرساڭا باغلانغان ئىشقىم ،
كۈلگەن شۇ سىمايىڭ يۈرەك تىلغايدۇ.
تۇتاشسۇن ساڭىمۇ ئۆزۈڭ سالغان ئوت،
رەھىم قىل جېنىمغا،قەلبىم يىغلايدۇ.
| 192 قېتىم كۆرۈلدى | maripatoghl | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-3-27 19:32:19 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|