ئۇكام بار (ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجامنىڭ ئاكام بار ناملىق شىئىرغا مۇشائىرە )

ئۇكام بار

 

ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجامنىڭ <ئاكام بار> ناملىق شىئىرغا مۇشائىرە

 

 ئىمام مۇھەممەت ۋولقان

 

 ئۇكام دىسەم لەببەي دەپ سەكرەپ تۇرار ئۇكام بار،

 مىنى ھەر چاغ ياد ئىتىپ ئەسلەپ تۇرار ئۇكام بار .

 ئازار يەتسە بىراۋدىن بوزەك ئەتسە زوراۋان ،

 ئاڭا قىلىچ بوينىغا تەڭلەپ تۇرار ئۇكام بار .

 

ئاشماق بۇلۇپ تاغ داۋان چىقىپ قالسام سەپەرگە ،

 تۇقۇپ ئاغماق ئېتىنى تەقلەپ تۇرار ئۇكام بار .

 قايتىپ كەلسەم سەپەردىن ئۇسسۇزلۇقتا ئاشلىقتا ،

 قىلىپ شورپا داستىخان نەقلەپ تۇرار ئۇكام بار .

 

چۈشسە ئەگەر بېشىمغا ئېغىر كۈلپەت ئازارلەر ،

 غەملىرىمنىڭ غېمىنى غەملەپ تۇرار ئۇكام بار .

ھەممىمىزدە بار ئەجەل كىتىپ قالسام دۇنيادىن ،

 ھەر كۈن تۇپراق بېشىمدا دۇئا ئەيلەپ ئۇكام بار .





220 قېتىم كۆرۈلدى wolkan ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-29 1:57:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-9-1 9:55:04 غۇلجام
مەمنۇن بولدۇم رەھمەت قېرىنداشلارنى مەدىھلەش مىھرى مۇھەببەتنىڭ يۈقىرى پەللىسى
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ