ئ‍ۈگىنىمەن ئ‍ۇسىز ياشاشنى

ئ‍ۈگىنىمەن ئ‍ۇسىز ياشاشنى

 

ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر

 ❤ سىڭلىم زىيا بىلىگ كە جاۋاپ : ❤

 

 دىگەنلىرىڭ ئورۇنلۇق سىڭلىم ،

 چۆرىۋىتەي ئ‍ەمدى ئازاپنى ،

نەقىلاي مەن بولمىسا نىسىپ .

 ئ‍ۈگىنىمەن ئ‍ۇسىز ياشاشنى .

 ❤

ئ‍ۇ بىلمىدى قىلغانلىرىمنى ،

ئ‍ويلىمىدى كۆڭۈل ئ‍اياشنى .

بىلمىدىمۇ ياكى مىنىڭدەك ،

 ئ‍ىچىلمىغان ئ‍ىسىل كىتاپنى .

 ❤

 توغرا ئ‍ىگەم باردۇر يىنىمدا ،

 ئ‍ۇ بولىدۇ ماڭا ياردەمچى .

 سەنمۇ بار ھەم يىنىمدا مىنىڭ ،

 تەسەللىدە بولۇپ سەۋەپچى .

 ❤

 مەن قەلبىمگە پۈكىمەن ئ‍ەمدى ،

 ئ‍الى تىلەك ئ‍الى نىشاننى .

 بىر ئ‍ىگەمگە بىرىپ مۇھەببەت ،

يوقىتىمەن قايغۇ پىغاننى .

ماقۇل سىڭلىم ئ‍ۈگىنەي ئ‍ەمدى ،

يىڭىچە بىر قەدەم باشلاشنى .

 ئ‍ەڭ ئ‍ىسىلى بولىدۇ نىسىپ ،

 ئ‍ۈگىنىمەن ئ‍ۇسىز ياشاشنى .

 ❤

چۆرىۋىتەي ئ‍ەمدى ئازاپنى ،

 ئ‍ۈگىنىمەن ئ‍ۇسىز ياشاشنى .…

 

 

 ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر

2016.1.25.كۈنى





319 قېتىم كۆرۈلدى ئالىمجان تۇرسۇن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-30 0:56:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-4 11:12:38 شەبنەم
بەك ياخشىى يېزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ