بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن
مەخسۇم ھىپىز 
بۇگۇن كەپتۇ ، سىنىڭ بايرىمىڭ،
بۇ كۈنۈڭگە مۇبارەك دەيمەن .
ماڭا قىلغان ئەقىدەڭ نۇرغۇن ،
كۈيۈمىڭنى بايان ئەيلەيمەن .
 تال چىۋىقتەك نازۇك قىز ئىدىڭ  ،
بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن چېغىڭدا .
قوللىشىڭدا ئەركىن ياشىدىم ،
شاھزادىدەك مېھرى بېغىڭدا .
 ئۆز ئۆيۇڭدە مەلىكە ئىدىڭ ،
ماڭا تېگىپ مالايدەك بولدۇڭ .
مېنى ئەلگە پادىشاھ دېدىڭ ،
ئۆزۈڭ ئۆيدە ئازابقا تولدۇڭ .
ئەسلى كەپسىز ئىدىڭ بەك يامان  ،
غەمسىز ئۇچۇپ ئويناپ يۈردىغان .
ئەركىنلىكىڭ  بولدىمۇ  تامام ،
بۇلۇپ قالدىڭ ھارغۇن تۇردىغان .
تويدىن بۇرۇن كۈلۈپ يۈرەتتىڭ ،
تەگمە دېسە ئۆلۈپ بېرەتتىڭ .
مەن بىلەن تەڭ ئويناپ كېلەتتىڭ ،
كېرەك بولسا جاندىن كېچەتتىڭ .
ماڭا شۇنداق ئەقىدە قىلدىڭ ،
مېنىڭ بىلەن جاپادا يۈردۈڭ .
ئائىلەم دەپ ئوتىدا كۆيدۈڭ ،
غېمىنى يەپ مېھنەتسىز سۆيىدۇڭ .
باللىرىمنىڭ ئانىسى بولدۇڭ ،
ئۆز ئورنۇڭغا قىزىڭنى قويدۇڭ .
مېھمىنىمغا بېرىپ ئىشىڭنى ،
ئۆزۇڭ بولسا يېمەيلا تويدۇڭ .
ئەقىدەڭنى بىلگەچ يازىمەن ،
ئىنسان بولغاچ گاھى ئازىمەن .
بەخىت كانىم شۇڭا سەن مېنىڭ ،
بۇ كاندىن مەن ئۈنچە قازىمەن .
ئاپتۇرى :  مەخسۇم ھىپىز(ئاققاش)
2017-3
 
| 680 قېتىم كۆرۈلدى | AKKAX | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-6 2:35:28 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2017-3-6 16:07:09 | مەريەمگۈل | 
| بەك ياخشىيىزىپسز،،مەن بەك ياقتۇرۇپ قالدىم | |
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |