ئايال بىلەن

‏ئايال بىلەن

 

 ‏باھارگۈل ئىبرايىم

 

 ‏ئايال بىلەن چۆللەر بۇلۇر باھاردەك،

 ‏ئايال بىلەن قارا تۈنلەر كۈندۈزدەك.

 ‏ئايال بىلەن ئۇنتۇلىدۇ كەچمىشىڭ،

 ‏ئايال بىلەن باقار ھايات ھۆر قىزدەك.

 

 ‏ ‏ئايال بىلەن قۇت بۆشۈكىگە بۆلەنگەن،

 ‏ئايال بىلەن كۈنلەر ئايەم بىلىنگەن.

 ‏ئايال بىلەن ئۆزگىرەيدۇ تەقدىرىڭ،

 ‏ئايال بىلەن خۇش پۇراقلار سىپىلگەن.

 

 ‏ ‏ئايال بىلەن ئوڭ بولىدۇ ھەر ئىشىڭ،

 ‏ئايال بىلەن ئىللىق بولۇر قار قىشىڭ.

 ‏ئايال بىلەن تەنگە قۇۋەت بېغىشلاپ،

 ‏ئايال بىلەن سىڭىشلىكتۇر شۇ ئېشىڭ.

 

 ‏ ‏ئايال بىلەن ئېچىلىدۇ گۈللىرىڭ،

 ‏ئايال بىلەن نۇرلىنىدۇ كۆزلىرىڭ.

‏ئايال بىلەن ئاسانلىشىپ تەسلىرىڭ،

 ‏ئايال بىلەن چىچەك بۇلۇر چايلىرىڭ.

 

‏ ‏يازسام-يازسام تۈگىمەيدۇ بۇ ھەقتە،

 ‏يازغانلىرىم يالغىنى يوق نەق گەپلە.

 ‏ئىشەنمىسەڭ سىناپ كۆرگىن قېرىنداش،

 ‏ئايال بىلەن ئايرىم ياشاپ بىر ھەپتە.

 

‏ ‏2015-يىل28-ئىيۇل باي چوڭكۆۋرۈك





151 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-14 1:38:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ