ساراڭ ئاشىق
يۈسۈپجان سايرامى (زىنھار)
خاپا بولۇپ قىيداشلىرىڭغا ئاشىق بوپتىمەن،
تاتلىق تاتلىق كۈلۈشلىرىڭگە ئاشىق بوپتىمەن.
سەھەر شامىلى سۈيۈپ ئۆتسە يۈزلىرىڭنى ،
گۈلدەك چىراي ئاي ھۆسنىڭگە ئاشىق بوپتىمەن.
قاراپ قالىمەن سەن قارىماستا كۆزلىرىڭگە،
ئالتۇن بۇلاقتەك كۆزلىرىڭگە ئاشىق بوپتىمەن.
خەت يازسام يا جاۋابىڭدىن ھېچ ئەسەر يوق ،
شۇ خىجىلچان يۈزلىرىڭگە ئاشىق بوپتىمەن .
خۇش ياقماس گەر بىراۋنىڭ شىكەر سۆزلىرى،
زەھەر بولسىمۇ سەن لەيلىگە ئاشىق بوپتىمەن .
بىلىپ تۇرساممۇ سەن پەرۋاسىز يۈرگىنىڭنى ،
پايخان بولۇپ يار ئىشقىڭدا ئاشىق بوپتىمەن .
چۈشلىرىمدە ئايان بولسەن دائىم يېنىمدا ،
قوللىرىمنى سۇنۇپ كىتىمەن قالار ئۇپۇقتا .
ئويغىنىپلا ئايان بۇلار يەنە خىيالىمدا ،
كۈلۈپ كىتىمەن ئۆزۈمچە ئاشىق بوپتىمەن .
دەيدىكەنمىش ئاشىقلىق ئۇ مەجنۇن ساراڭ ،
مەن ساراڭ ئاشىقلىققا ئاشىق بوپتىمەن .
خىيالىم ، چۈشلىرىم ، ھېسلىرىم قايان ،
ئۆزۈممۇ بىلمەي قالدىم ساراڭ بوپتىمەن .
2017-يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنى كېچە
##ئاپتۇر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ#
| 19 قېتىم كۆرۈلدى | zinhar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-27 0:20:02 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|