ئۈڭۈپ بارار خىيالىم رەڭگى
خەلچەم خېلىل
ئۈڭۈپ بارار خىيالىم رەڭگى،
كۈزدە سۇلغان ئاجىز ياپراقتەك،
تىتىلىدۇ تەندە دەرمانىم،
شاخ ئۇچىدا قۇرىغان قاقتەك..
خىياللىرىم باشلىغان يەرگە،
تېرىغانتىم ئارمانلىرىمنى،
يىتەلمەستىن پەسلى باھارغا،
باغاشلىدىم سەرسانلىقىمنى.
چاچقا قونغان قىرو بىلەن تەڭ،
خىياللىرىم ساغىرىپ باردى،
ھۇسۇلى يوق ئارمانلار بىلەن،
ئۆمۈر يۇلۇم ھەجەپ قىسقاردى.
ئۈڭۈپ بارار خىيالىم رەڭگى،
ھالرەڭ كىيگەن چېغىمنى ئويلاپ،
ماڭماقتىمەن رەڭۋاز ھاياتنىڭ،
ھالسىرىغان يۇلىنى بويلاپ.
2016.11.27
55 قېتىم كۆرۈلدى | خەلچەم خېلىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-28 2:11:06 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|