تەقدىرىم (شېئىر) - ئېزىزجان تۇرسۇن

تەقدىرىم

ئېزىزجان تۇرسۇن (ئەلباش)


بولدۇم بۇ كىچە غەمگە مۇپتىلا ،
قىلدى بۇ تەقدىر سۆيگۈدىن جۇدا.
بىر بەس ئەسلىسەم يوقتۇر شاتلىغىم،
كەلگەن   ئامەتتىن،  ئاپىتىم   تولا.

سايرايمەن زارلاپ قامالغان قۇشتەك،
ئاچچىق رىياللىق،ئەمەسكەن چۈشتەك.
گەر چۈشۈم بولسا شۇ كۆرگەنلىرىم،
زارلانماس ئىدىم  قامالغان قۇشتەك.

يۈرەگىم پارە ، بۇ كۆڭلۈم  ۋەيران،
ھالىمنى كۆرۈپ بولماڭلا ھەيران.
كۆڭۈل-كۆڭۈلگە قالسا باغلىنىپ،
يامانكەن-يامان ئايرىلىش يامان.

گۈللەرنى كۆرۈپ قەددىڭ شۇ دىدىم،
گويا بىر دىڭىز  قەلبىڭنى  دىدىم.
مىنىڭ ئايرىلغان دۇنيارىمدۇرسەن،
ئاھۇ ئامەتسىز تەقدىرىم دىدىم.

2017-2-22
QQ:2323202986
     





42 قېتىم كۆرۈلدى albax ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-22 20:15:14  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ