كىتىپ قالىمىز-ھەسەنجان ئۇچقۇن

‏كىتىپ قالىمىز
ھەسەنجان ئۇچقۇن


...............1...............
بۇدۇنيا ئۆتەڭدۇر بارچىمىز مىھمان،
ھەرنەپەس ئامانەت ھەممىگە ئايان.
ئىز قالدۇر مىللەتكە ئەسلەيدۇ ھامان،
چەكلىكتۇر بۇھايات كىتىپ قالىمىز.
...............2..............
ئىنسان بىز دۇنياغا سىناق يارالغان،
بۇھايات ئاشۇنداق سىناققا تولغان.
يوقاتما ۋىجداننى كەتسىمۇ گەرجان،
چەكلىكتۇر بۇھايات كىتىپ قالىمىز.
...............3...............
كىبىرلىك قىلمايلى كەتمەك بۇجاھان،
نەپەستىن بىركۈنى توختايسەن ھامان.
راسچىللىق نىزامىڭ بولسۇن ھەرزامان،
چەكلىكتۇر بۇھايات كىتىپ قالىمىز.
................4................
دۇئا ئال ئاناڭدىن بولساڭمۇ سۇلتان،
رازى قىل ئاتاڭنى بولساڭمۇ قۇربان،
بېقىۋال بارىدا چەكمەيسەن پىغان.
چەكلىكتۇر بۇھايات كىتىپ قالىمىز.
................5................
ھاياتلىق يوللىرى ئۇزۇن بىر جەريان،
ئالدىڭدا بار بەلكىم ،مۈشكۈل بىرداۋان.
ئاداشما يۇلۇڭدىن ئازدۇرسا شەيتان،
چەكلىكتۇر بۇھايات كىتىپ قالىمىز.
................6...............
كەيىپكە بىرىلمە ئۇنتۇپ ئەسلىڭنى،
تۈتىنگە ئاتمىغىن قاۋۇل بەستىڭنى.
سورىقى باردۇر ھەي،تاپقىن يۇلۇڭنى!
چەكلىكتۇر بۇھايات كىتىپ قالىمىز.
...............7..............
يىراققا تىكىلگىن ئاچقىن كۆزۈڭنى،
قايتىدىن تونۇپ باق،يىگىت ئۆزۈڭنى.
ھەيرانلىق ھېس قىلما،ئۇشبۇ سۆزۈمنى!
چەكلىكتۇر بۇھايات كىتىپ قالىمىز.
................8...............‏
تاشلىغىن!ئەي ئىنسان بوشاڭلىقىڭنى.
قەددىڭنى تىك تۇت، كۆتەر بېشىڭنى!
ئىلىم-ئىرپان يولىغا چاپتۇر ئېتىڭنى.
چەكلىكتۇر بۇھايات كىتىپ قالىمىز.
................9................
پۇل تاپساڭ بىركۈنى كەتمە ئۆزگۈرۈپ،
ياردەم قىل ئاجىزغا قاچما پەس كۆرۈپ.
ئەۋلادلار ئىزىڭنى باسسۇن سۆيۈنۈپ،
چەكلىكتۇربۇھايات كىتىپ قالىمىز.
................10..............
كەتمىگىن ھوقۇققا ئۇنچە ئىشىنىپ،
ياشىما پۇل ئۈچۈن ئاقنى قارا قىلىپ.
ھەق ياشا بۇدۇنيا قالىدۇر ئېشىپ،
چەكلىكتۇر بۇھايات كىتىپ قالىمىز
...............11.............
ھاياتتا بىزئۈچۈن ھەرمىنۇت قىممەت،
ھەق يولنى تېپىۋال ئۆلگىچە بىررەت.
دىلىڭنى ئەزمىسۇن پۇشايمان ھەسرەت،
چەكلىكتۇر بۇھايات كىتىپ قالىمىز.
................12..............
ئاپتۇرى: ھەسەنجان ئۇچقۇن 
 كوت كوت ھەم ئۈندىدار: 731725280
2016 - يىلى11 - ئاينىڭ 17-كۈنى  گۇۋاڭجۇ
     





480 قېتىم كۆرۈلدى hasanjanuqk ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-18 2:24:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ