گۈزەل ئەسلىمە (شېئىر) - مۇھەممەتجان سامساق

گۈزەل ئەسلىمە
  شىئېر
ئاپتۇرى- مۇھەببەت كۈيچىسى مۇھەممەتجان سامساق 

خىيالغا پاتىمەن ئۇيقۇ يوق كېچە ،
بىز كۈلۈپ مۇڭلانغان كۈنلەرنى ئويلاپ .
سۈيۈشكەن بىر چاغلار تېخى يادىمدا ،
تامچە ياش سىرغىغان مەڭزىڭنى بويلاپ .

سۈيەتتىڭ چىن دىلدىن دىلبىرىم مىنى ،
مۇھەببەت ئوتلۇرۇم كۆيدۈرۈپ سىنى .
باغرىڭدا جان بەرسەم دەيتىڭغۇ جېنىم ،
شۇ سۆزۈڭ ھەرنەپەس قىينايدۇ مىنى .

چىقمايدۇ ئىسىمدىن سۆگەتزار تاللىق ،
ياشلىقتا ئۇيقۇسىز مۇڭداشقان تۈنلەر.
سۆيگۈڭگە گۇۋاھچى قىلاتتىڭ ئاينى ،
ئاھ جېنىم نەلەرگە كەتتى شۇ كۈنلەر .

ئېسىڭدىمۇ ئامرىقىم دەريا بويىدا ،
سۇ چېچىپ ئوينىغان ئاشۇ كۈنلىرىڭ .
زوقلىنىپ قارسام- بۇلاتتىڭ خىجىل ،
كەتكەندە ھۆل بۇلۇپ زىلۋا تەنلىرىڭ .

كۆرۈنۈپ قالغانتى ئوماق سىياقىڭ ،
نېپىز رەخىت شىملىرىڭ چاپلىشىپ ئەتكە .
شۇ دەقىقە تۇتالمىدىم ئۆزۈمنى پەقەت ،
بال تامدۇرغان لەۋلىرىڭدە ئايلىنىپ قەنىتكە .

يۈرەكلىرىم ھاياجاندا سوقاتتى قاتتىق ،
جۈپ كۆكسىڭنى يۈرۈكۈمگە ياققانلىرىڭدا .
ئىككى گەۋدە روھى كۆكتە ئۈزەتتى لەرزان ،
تۇيۇلاتتى جىسمىڭ تىنىچ قاتقانلىرىڭدا .

بىلگەنتىم شۇ چاغدا ياخشى كۈرۈشنىڭ ،
دۇنياغا تەڭداشسىز  سېھىرلىرىنى .
بىر مىنۇت ھۇزۇرغا تەڭ قىلماس ھېچكىم ،
ئىككى قەلىب سۈيۈلگەندىكى مېھىرلىرىنى .

ئۇلغايدى سۆيگۈمىز ئوتلىرى يېنىپ ،
يۈرۈپتۇق مۇھەببەت ئىشقىدا قېنىپ .
شۇ شىرىن كۈنلەرمۇ بولۇپ ئەسلىمە ،
تەنھالىق باغلىرىمدا قالدىغۇ چېنىپ .

ھىدىڭنى پۇراشقا تەقەززا ئىدىم ،
سېغىنىپ ھىجراندا كۆيگەن ئوت بۇلۇپ .
باقساممۇ يۇلۇڭغا تەلمۈرۈپ ھەر چاغ ،
قالىمەن ئۈمۈدسىز ھەسرەتكە تۇلۇپ .

ئۆتتى كۈن، ئۆتتى ئاي، تالاي يىللارمۇ ،
كاككۇكمۇ سايرىشىپ زەينەپ ئىشقىدا .
تەڭسىزھەم رەھىمسىز بىركەم دۇنياكەن ،
قەدىرلىنەر ھەر نەرسە ئالماشقىنىدا .

ئاپتۇرى - مۇھەببەت كۈيچىسى
ئاقسۇ شەھەر قارتال بازىرىدىن مۇھەممەتجان سامساق
تىلفۇن ئالاقە ئۈندىدار ، 15599755288
2017-2-8
     





142 قېتىم كۆرۈلدى مۇھەممەتجان سامساق ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-16 14:07:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ