مەن بولالايمەن (نەسىر) - ماھىنۇر ئابدۇرھېم

مەن  بولالايمەن (نەسىر) 

 ماھىنۇر  ئابدۇرھېم


   مەن  ئۆزۈمنى  شۇنچىلىك  مىسكىن، بىچارە  ھىس قىلاتتىم .گەرچە قەلبىمدە ئاجايىپ كۈچلۈك  قىزىقىشىم،نۇرغۇن - نۇرغۇن ھەۋەسلىرىم  بولسىمۇ ھىچ  ئىش  قىلالمايدىغاندەك، قولۇمدىن چوڭ ئىشلار  كەلمەيدىغاندەك  ئۆزۈمنى كەمسىتەتتىم. كەچلىرى  ئۇيقۇم قاچقان تۈنلەردە ئاخىرى يوق خىياللارغا مەپتۇن بولاتتىم .ئۆزۈمدىن  ئۆزۈم  بىزار  بولاتتىم ،ھاياتىمنىڭ قىرىق باھار ۋە  قىشىنى شۇنچە  ئۇزۇن  شۇنچە ، ئۇزۇن ئۇزۇن  مەنزىللىرىنى قۇرۇق  خىيالنىڭ  قۇلى بوپ  ئۆتكۈزگىنىمگە ھىچبىر ئەقلىم يەتمەيتى .تۇيۇقسىز خىيال  قۇشلۇرۇم مىنى چوقۇلاپ خىياللار  قاينىمىدىن سۆرەپ  چىقتى!
-نىمە  دىگەن تۈگىمەس  قۇرۇق خىياللار بۇ ئۇف! بەس  ئەمدى  خىياللار  قاينىمىدىن  تۇرۇپ  كېتەي ،ئارزۇلۇرۇم ،قىزىقىشلىرىم  ئۈستىدە  قايتىدىن ھەقىقى بىر ئويلىنىپ  باقاي !مەن نىمە قىلالايمەن ؟قانداق  ئادەم  بولالايمەن؟ كىيىنكى ھايات مەنزىللىرىمنى قانداق   بېسىپ  تاماملايمەن ؟مانا  بۇ  مەن كېچىكىپ  بولسىمۇ  چىن ھىسياتىم بىلەن  تونۇپ  يەتكەن  چىن ئويلۇرۇم ،ئاخىرى  مەن  تىپىۋالدىم  مەندە ھاياتقا  قانمايدىغان  سۆيۈنۈش ، ئەدىبىياتقا  بولغان  چەكسىز  قىزىقىش بار  ئىكەن .مەن دەسلىۋىدە  25 يىل  بۇرۇنقى  ھەۋەس  بىلەن نىمۇمۇ  قىلالارمەن ؟دەپ ئىككىلەنگەن  ،ئۈمۈتسىزلەنگەنمۇ  بولدۇم  .لىكىن  قەلبىمدىكى كۈۋەجەپ ئېقىۋاتقان قىزىقىش ماڭا  شۇنداق  خېتاپ  قىلدى  -سەن قىلالايسەن  ،بولالايسەن !دەپ  ،قەلبىم  تىۋىشلىرىغا قۇلاق  سالدىم ،مەن قىلىپ  باقاي  دىدىم ،گەرچە كاتتا  شائىرەلەردەك  قىلالمىساممۇ  تۇنجى قەدىمىمدىن  دوسلۇرۇم ئۇرۇق تۇققان  قېرىنداشلىرىم ،خىزمەتداشلىرىم ،شۇنچىلىك خۇشال  بولدى .ئۇلار ماڭا  مەدەت بولدى ،مېنى قوللىدى ئانچە ياخشى  يازالمىساممۇ  ماڭا  ئىلھام ،مەدەت  بولسۇن  دەپ تۈمەنلىگەن مەدىھىلەرنى  بىرىشتى .شۇنداق  قىلىپ  مەندە  ئۈمۈت  ئىشەنىچ  پەيدا  بولدى ،كۈچ غەيرەتكە كەلدىم .مەن قىلالايدىكەنمەن ،ئىشەنىچ بولسىلا  ،مەن بولالايدىكەنمەن مەندە سۇنماس  ئېرادە بولسىلا  ،مەن تىرىشىشىم كىرەككەن  قۇرۇق خىيالنىڭ  قۇلى  بولمىساملا ،مانا ھازىر  ئۇستاز  شائىرلارنىڭ  يىتەكلىشى  بىلەن مەندە  ئىگىرلەش زور بولدى .
ئىلگىرى مەن ئۈچۈن چىقىش مۇمكىن  بولمايدىغان  داۋانلار  ھازىر  بارغانچە پەس  كۆرىنىدىغان  بولدى. توغرا  ئادەم  نىيەت قىلسا  شۇ  نىيەتتىن ۋاز  كەچمىسە، ماڭغان يولىنىڭ  توغرا  ،ھەق  ،ئادالەت  يولى  ئىكەنلىگىنى بىلەلىسە ،مەيلى  غەلبە  قىلسۇن ياكى  مەغلۇپ  بولسۇن  مىڭىپ  باققاندىللا  ئاندىن  ئۆزىگە  باھا  بىرەلەيدىكەن ۋە ئۆز  يولىنى  تاپالايدىكەن ،مەن تاپتىم ھەم تېخىمۇ چۇڭقۇر  تېپىشقا  تىرىشىمەن .ھايات ئۆزىگە  كۈلۈپ  باققانلارنى  ھىچقاچان  يىغلاتقان  ئەمەس  ،مەن قىلالايمەن! مەن چوقۇم بولالايمەن!

     





247 قېتىم كۆرۈلدى ماھىنۇر ئابدۇرھېم ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-20 22:48:31  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-16 17:19:01 گۈلزىرە
كېچىككەن باشلىنىشمۇ ياخشى باشلىنىش ! ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ، يول ھامان چىقىدۇ !
2017-2-21 16:13:47 ئاسىمگۈل ئامان.
بۇ مەزمۇنى شۇنچىلىك ياخشى بولۇپتۇ، رەھمەت سىزگە ماينۇر قىز.قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ