ئۇكىم ؟
كىيمى جۇل ھەممە يەر يىرتىق ،
ساقاللار ئۆسۈك چىرايلار خۇنۇك ،
قوللىرى قاسماق تىرناقلار ئۆسۈك ،
ئۇكىم دېسەڭ ،مېنىڭ مىللىتىم .
پۇتىدا ئاياق يوق كۆزىدە يىغا ،
ئورۇق يۈزىدە قورۇقلار تولا ،
يېشىمۇ بېرىپتۇ بۇيىل ئاتمىشقا ،
ئۇكىم دېسەڭ ،مېنىڭ مىللىتىم .
تىلەمچى ئۇ ھەر بازار كوچىغا چقىپ ،
بەزىلەر تىللايدۇ ئاچچىقى كېلىپ ،
نە ئامال ئۇنىڭغا ،بولغاچقا غېرىپ ،
ئۇكىم دېسەڭ ،مېنىڭ مىللتىم .
بالىسى يوق ھالىدىن خەۋەر ئالغۇدەك ،
نە مادارى يوق ئىشلەپ يېگۈدەك ،
ئۆيى يوق توڭلىسا باشنى تىققۇدەك ،
ئۇكىم دېسەڭ ، مېنىڭ مىللتىم .
كوچىدا ئۇخلايدۇ تامغا يۆلىنىپ ،
تاماق ۋە قونالغۇ چۈشىگە كىرىپ ،
يۈرۈيدۇ ئۆيمۈ ئۆي كىشگە يېلىنىپ ،
ئۇ كىم دېسەڭ ،مېنىڭ مىللىىتىم .
بىر بۇردا نان تاپالماي قورسىقى ئاچتى ،
سوغۇقتا پۇتۈن بەدىنمۇ توڭلاپ كەتتى ،
ئىسىق تاماق ،ئىسىق يوتقان چۈش بولدى ،
ئۇ كىم دېسەڭ ، مېنىڭ مىللىتىم .
| 155 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-14 0:15:33 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|