ئاكامنى ئەسلەپ - ئابدىراھمان ھېكىم ئىشەنچ

 ·—ئاكامنى ئەسلەپ—·

ئابدىراھمان ھېكىم ئىشەنچ، كۇچا

ھەجەپ بىر كۆڭلۈم يېرىم مۇشۇ سەھەردە.
مۇڭداشقا ئاكام بولسا ھازىرقى پەيتتە.
قىينىدى يۈرەكنى شۇنداق ئاچچىق  ھەسرەت.
ھەجەپ ئۇھسىنىپ قالدىم ئاكامنى ئەسلەپ.

ھاياتنىڭ سىنىقى بەك قىيىنكەن بىلسەم.
يول كۆرسۈتۈشكە ئاكام بولسىدى ماڭسام.
يېنىمدا تۇرسا مەيلىتى خاتىرجەم ياتسام.
يۆلەك بولسا رازى ئىدىم جاپا تارتسام.

ئازاپلىق كۈن كەلدى مۇشۇ دەقىقىدە.
مەن بار دەپ ئاكام بولسا خۇدا ھەققىدە؟…
خوشاللىقىم  بەختىم، ھەم تەختىم بىلەتتىم.
خىيال سۈرۈپ ئازاپ چەكتىم ئاكامنى ئەسلەپ.


2016.11.1  كۇچا

506838927
     





66 قېتىم كۆرۈلدى ixanq ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-6 17:28:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ