·—دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول—·
💔ئابدىراھمان ھېكىم💔 ئىشەنچ،كۇچا
+
تەغدىر بىلەن ئۇچراشقان ئىدۇق.
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول،
نەچچە يىلنى ئۆتكۈزگەن ئىدۇق.
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول،
+
كۈندە سالام يوللۇشۇپ قانماي.
تىلەكلەر تىلەپ ئىسىل يول-يول،
بىر بىرىمىزدىن شۇنداق تانماي.
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول،
+
دىدارىڭنى كۆرمىگەن ئۆيدە.
ياڭراق ئاۋاز قۇلاق تۈۋۈمدە،
شۇ ئۈزۈلگەن تىلپۇن ئاۋازى؟…
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول،
+
سۈكۈت بىلەن ساقلاتتى بىر يىل.
جاۋاپ كەلمەي يەنىلا سەندىن ،
ئەنسىرتىپ خالاس قىلماي غەمدىن.
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول،
+
خەۋەر بەردىڭ ھاياتلىق بەردىڭ.
ئارقىدىن قايغۇ ئازاپ بەردىڭ،
يىغلاپ يىقىلدىم ئۈمۈت بەردىڭ.
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوس بول،
+
كۈتتۈم سىنى كۈتۈمەن يەنە.
قانچە ۋاقىت ئۆتسىمۇ يەنە،
ۋاز كەچمەيمەن ئىزدەيمەن يەنە.
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول،
+
سەنلا ماڭا باش پاناھ ئىدىڭ.
دوس بۇلۇشقا يارار ئىدىڭ،
ھەر تىنىقنى سەن بىلەر ئىدىڭ.
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول،
+
تارتتىڭ جاپا مۇشەققەت مانا.
بىلىپ تۇردۇم دىلىمدا مانا،
تۇيۇپ تۇرار يۈركۈم مانا.
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول،
+
بولدى قىلغىن مىنى قۇبۇل قىل.
قارار قىلغىن تىزراق خەۋەر قىل،
باغرىمغا باساي لەۋزىنى قىل.
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول،
+
مەيلى قانداق كۈنلەردە قالغىن.
يەنە قانداق دەرتلەردە قالغىن،
ھەسرەتلەردە ئازاپتا قالغىن.
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول،
+
ئۆتەيلى بىز ئىككىمىز شۇنداق.
ياتلاشمىسۇن قەلبىمىز شۇنداق،
تۇتاش بۇلۇپ دىلىمىز شۇنداق.
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول،
+
خىجىل قىلماي ياتلار ئالدىدا،
جەم بۇلايلى دەتلەر ئالدىدا،
ئىناق بۇلۇپ دۈشمەن ئالدىدا.
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول،
+
ۋەدە بىرەي گىپىمدە تۇراي.
چىڭ قۇچاقلاپ باغرىمغا باساي،
نىمىلا دىسەڭ ماقۇل بۇلاي.
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول،
+
قارار قىلغىن ساڭا قارايمەن.
مارال بۇلۇپ تىزلا بارايمەن،
ساڭا دوس بۇلۇشقا يارايمەن.
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول،
+
قاراپ تۇرۇپ كۈلگىنە جېنىم.
دەريا بۇلۇپ ئاقىدۇ قېنىم،
سەنسىز ياشماسمەن ھەرگىزمۇ.
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوس بول،
+
يىزىلغىنى خەت بولسا ساڭا.
ھەر دانىسى قان بىلەن ماڭا،
پۈتمەي تۇرۇپ ياشلار تامچىدى،
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول،
+
يازسام يازسام تۈگۈمەس يانا.
قەلبىمدىكى سېغىنىش مانا،
يازالماي قالدىم داۋامىنى
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول،
+
كۆز ياشلىرىم تاراملاپ ئاقتى.
ئالدىم قاراڭغۇلۇقتا قالدى،
دوستۇم سىماسى ئايان بولدى.
دوستۇم ماڭا ئۆمۈرلۈك دوست بول،
2016-يىل11-ئاينىڭ17-كۈنى كۇچا
506838927
| 134 قېتىم كۆرۈلدى | ixanq | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-17 15:18:13 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|