قېزىپ چىقىش - مۇھەممەتجان ئەخەت (پېقىر)

 قېزىپ چىقىش

مۇھەممەتجان ئەخەت (پېقىر)

تۇرۇپلا
ئۆزۈڭ قىلغان قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭگە،
بىراۋ ئۈچۈن ياخشى تىلەك بىلدۈرگىنىڭگە،
قىلىپ كەتكەن ئەقىدە ئىخلاسلىرىڭغا،
كۈلۈپ كىتسەن...
بەلكى بۇ پۇشايمان ياكى ھاياجان.

تۇيۇقسىز
ئۆزۈڭ سۆيگەن بىرىنى،
سېنى سۆيگەن بىرىنى،
ھەممىنى
دۇنيانى تەرىك ئەتكۈڭ كىلىدۇ.
...
تەكشى يولدا ئىگىز-پەس مېڭىپ،
ئەگرى-بۈگرى ئىز سالسام دەيسەن.
...
بەزىدە ياخشى ئادەم بولغىنىڭغا ئۆكۈنۈپ،
قەلبىڭدىكى ئېھتىيات سىزىقىڭنى بۆسۈپ،
ئەڭ رەزىل خىياللارنى قىلسەن.

يەنە...
ئۆزۈڭدىن ئۆزۈڭ زېرىكىپ،
يا ئامراقلىقىڭ كىلىپ،
ھېچنىمىگە پەرۋا قىلماي
قارشىلىققا،
نەسىھەتكە،
كۆڭۈل بۆلۈشكە،
ئەتراپتىكى راس-يالغانلارغا،
قاراپ سالماي كەتسەم دەيسەن.

ئۆزۈڭگە تەۋە ئازاپنى ئېلىپ،
نىسىپ بولمىغان بەخىتنى قويۇپ،
سوغۇق تۇپراق ئۈستىدە،
تىم-تىم يامغۇر ئاستىدا،
خىيالىڭنى قۇچاقلاپ ياتقۇڭ كىلىدۇ.
سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيسەن
ئەمما ئۆزۈڭنى دەرياغا ئاتقۇڭ كىلىدۇ.
...
بۇ-دەل ھەقىقى ئۆزۈڭ...

2016/11/2 q
     





252 قېتىم كۆرۈلدى pekir ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-2 21:58:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-5 2:07:12 ali
essel yezelgan xeerlakan
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ