قەيەردە سەن كەلگىنە يارىم

 

قەيەردە سەن كەلگىنە يارىم

 

سۈبىنۇر قۇربان شىئېرلىرى

 

 كۆزلىرىمدىن كەتمەيسەن نېرى،

 يانلىرىمدا بولمىساڭمۇ گەر .

خىيالىمدا بىر سەنلا ئۆزۈڭ،

سۆيگۈ بەرسەم كۆڭلۈڭ نىمە دەر؟

 

ئاشىق بولدۇم نىچۈن بىر ساڭا،

 سۆيۈپ ئۆتەر ئەبەدىل ئەبەد.

 لەۋلىرىڭدىن سۆيگۈ تامچىسى،

 ھەدىيە قىلغىن ماڭىلا پەقەت.

 

 ئايرىلمىغىن يېنىمدىن ھەرگىز،

 يالغۇزلۇقتىن قورقىمەن دائىم.

 قوللىرىڭنى باغرىمغا باساي،

 قەيەردە سەن كەلگىنە يارىم .





131 قېتىم كۆرۈلدى nalwom ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-6 22:25:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ