گۈلخاندەك ئازاپتا كۆيدۈم تپچەكلەپ (شېئىر) - ​ئوسمان ئابدۇللا

گۈلخاندەك ئازاپتا كۆيدۈم تپچەكلەپ

ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)

قەلبمنڭ ھەسرەت پىغانلىق نېدالىرنى،
بىراۋلار چۈشەنىمەي يۈرىشەر بەلىكىم.
تۇماندا كۈنىلىرىم قوياشسز، ئايىسز،
تەمتىرەپ يۈرمەكتە،ھجىراندا بەختىم.

گۈلخاندەك ئازاپتا كۆيدۈم تپچەكلەپ،
يالقۇنتاغ چوغسمان، مەندەك چاقمغان.
كەلكۈندەك دىۋەيلەرقەلبمدە مۇك -كۈي،
خەيريەت، ھىچ كىشى كۆرۈپ باقىمغان.

كتەركەن ھەممىسى، يانماس كەينىگە،
قايتۇرۇپ كلەلىمەي، ئۆتكەن ئۆمۈرنى.
ئىلىپمۇ بولىماسكەن ئەسلا، بەرىبېر،
(ساپ)ئالتۇن بىلەنمۇ قالىغان كۆڭۆلنى.

ئازاپلار قينشار بەس-بەستە دەسسەپ،
چىدىدىم بەزىدە(ئىچىمدە) خەپ دەپ.
قىرىق يىل ياشىدىم، قىنى چىن ئۈلپەت؟
يۈرۈگۈم سىقىلدى، ئۆتمۈشنى ئەسلەپ.

2017-يىلى 23-ئاپىرىل(قارىتاغىز)
     


  





151 قېتىم كۆرۈلدى ئوسمان ئابدۇللا ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-23 10:19:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ