كۆرگىلى كەلدىم - ئېزىزجان تۇرسۇن (ئەلباش)

كۆرگىلى كەلدىم
ئېزىزجان تۇرسۇن (ئەلباش)


ئالتە ئاي بولدى كۆرۈشمىدۇق كۆرگىلى كەلدىم،
ھال ئەھۋالىڭ قانداق سىنىڭ بىلگىلى كەلدىم.
قوللىرىڭغا   دەستە   گۈل   تۇتقىلى   كەلدىم،
دىدارىڭغا   نىگار   سىنىڭ  تويغىلى    كەلدىم.

يۈرگىن  جانان  گۈلباغلارغا  مۇڭدىشايلى بىز،
ئالتە ئاي بولدى كۆرۈشمىدۇق سىر دىشايلى بىز.
يىرىم   بولغان  كۆڭۈللەرنى   ئىلىشايلى  بىز،
كۆزلەر  تويسۇن   شۇ دىدارغا  قىنىشايلى  بىز.

ئالتە ئاي كۈنۈم تەستە ئۆتتى سىغنىپ  سىنى،
يوللۇرۇڭدا كۈتۈپ  ئۈتتۈم يارىم ھەر كۈنى.
ئويلىدىڭمۇ   بىلمىدىم    يارىم  سەن مىنى،
چۈشلۈرۈمدە كۆردۈم جانان سىنى ھەر كۈنى.

2012-12-16
ئېزىزجان تۇرسۇن (ئەلباش)
QQ:2323202986
     





83 قېتىم كۆرۈلدى ئېزىزجان تۇرسۇن (ئەلباش) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-28 12:57:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ