تۈندىكى ھەسرەت
ئاي يۈزىنى توستى بۇلۇت ،
كۈلۈشكە بەرمەستىن ئىمكان .
ئارىمىز بولدى بەك يىراق ،
ۋىسال پەيتى بولدى ئارمان .
تۈن كېچە ئايغا قارايمەن ،
ئوخشىتىمەن سېنى ئايغا .
مەن گوياكى سەرسان يۇلتۇز،
پەرۋانىمەن پىراقىڭدا.
چۈشەنمىدىڭمۇ ؟سۆيمىدىڭمۇ؟
سېنى مەڭگۈگە سۆيگەن يارىم
ئىشەنمىدىڭمۇ ؟كۆيمىدىڭمۇ ؟
يۈرەكتىن ئەزىز كۆيگەن جانىم .
تاھىر مۇھەممەت ئۆمەر
2015 يىل 1-ئاۋغۇست
ئالاقە :13709956968
| 166 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
| 2015-8-2 10:40:46 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|