سەن ئىدىڭ
(چاچما شىئېر )
—ئابلىكىم ئابلەت (ئەرتۈرك )
سەن ئىدىڭ ،
دىلىمنىڭ ئارامى سەن ئىدىڭ .
ھەر ئىشنىڭ قارارى سەن ئىدىڭ .
سەن بولغاچ مىنىڭمۇ ،
كۆڭلۈم توق ئىدى .
غىمىم يوق ئىدى .
ئىلىشىم زوق ئىدى.
چاڭقىغان قەلبىممۇ ،
ئۇسسىغان جىسمىممۇ ،
پەقەت سەندىلا سۇغۇرۇلغان .
شۇنى بىلمىدىم ئەمما ،
ساڭا قانداق بىر ھىكمەت يۇغۇرۇلغان .
سەن ئىدىڭ ،
خۇشاللىقىممۇ ،
ھەتتا ئازاپلىرىممۇ .
سەندە مىنىڭ ئۆتمۈشۈم يارالغان ،
خىلۋەت كوچىدا ،
كۆزلىرىڭ كۆزلىرىم بىلەن ئۇچراشقان ،
ئاندىن بىر- بىرىگە مىختەك قادالغان ،
ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ ،
قەلبىم سىنىڭ " ئىشىق " تۈرمەڭگە قامالغان .
...........
كۆزلىرىمگە قارا ----
سەن ئىدىڭ مىنى ئۆزۈڭگە كۆندۈرگەن .
قەلبىمگە قارا -----
سەن ئىدىڭ مىنى تىرىك پىتى ئۆلتۈرگەن .
11-12-2016
| 113 قېتىم كۆرۈلدى | Ablikim | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-11 22:15:08 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|