شۇ ئانامنى كۈلسىكەن دەيمەن - ئىرشات مەمەت

         شۇ ئانامنى كۈلسىكەن دەيمەن

ئىرشات مەمەت    

ئاق سۈت بىرىپ پەپىلەپ باققان،
ئەللەيلەردە قوشاقلار قاتقان.
ھالال بىقىپ قاتارغا قاتقان
شۇ ئانامنى كۈلسىكەن دەيمەن.

جاپالارنى بىزگە چاندۇرماي،
ئاچ قالسىمۇ بىزنى ئاچ قويماي.
ئۆزى تارتىپ بىزگە دەرت قويماي،
شۇ ئانامنى كۈلسىكەن دەيمەن.

ئۆزى كۆۋرۈك دەريادىن ئۆتسەك،
سىرداش بولۇپ دەردىمىز تۆكسەك.
خۇشال كۈلگەن پەللىگە يەتسەك
شۇ ئانامنى كۈلسىكەن دەيمەن.

جاپا چەكتىڭ بىزنى دەپ ئانا،
بالام دەپلا ياشايسەن يانا.
《جەننەت ئاناڭ》دەيدۇ بىر دانا،
شۇ ئانامنى كۈلسىكەن دەيمەن.
     





478 قېتىم كۆرۈلدى 0407520 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-1 22:34:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-2 11:20:34 ئابدۇسالام
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ 🌹🌹🌹
2016-10-2 11:15:51 xamsiya
bak yahxi yizip tu....koliga dat kalmisun
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ