كەلدى نەۋرۇز - ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم
كەلدى نەۋرۇز
 
ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم
 
كەلدى نەۋرۇز،كەلدى ئايەم،كەلدى باش باھارىم،
كەلدى شۇنداق يىل بىشىم،كەلدى يەنە باھارىم.
ئىش بىشىم ئالدى قولىغا،قاقتۇرۇپ كەتمەنىنى،
كەلدى شۇنداق ئەكىلەپ شىلدىر ئىتىپ سۇلىرىم.

باش باھارىم بىخ ئۇرۇپ ئىلىپ كەلدى چېچەكنى،
بارچە جانلىق-جانلىنىپ خۇش ناۋادا سايرىدى.
جۇپ،يېگىتلەر خۇشلىقىدىن ئېتتى قوشاق نەزمە،
نەۋ باھاردا تۈزلىشىپ ئېتىز-ئېرىق قېرىنى.

گۈل باھارنىڭ ئىشقىدا نەۋرۇز ئەيتىپ ئوينىشىپ،
خوش كۆڭىل قارشى ئالدى يېڭى يىلنى ماختىشىپ.
تال چېۋىقنى ئات ئىتىپ سەكلەپ كەتتى بالىلار،
قېز-جۇۋانلار خوشلىقى،يايراپ كەتتى كۈلىشىپ.

خان-جۇۋانلار،خان ئانا،تەييار قىلدى قازاننى،
نەۋباھارنى تەبرىكلەپ قىلدى شۇنداق تەييارلىق.
داش قازاندا قاينىدى سۇمۇلۇق بىلەن خۇشلىقى،
ھەممە يەردە خۇش ناۋا،ئۆيلەر ئارا نەۋرۇزلۇق.

كەلدى نەۋرۇز،كەلدى ئايەم،بۇ گۈزەل يىل بىشى،
بارچە كۈلكە ياڭرىتىپ،باغۇ-ھەرەم نەغمىسى.
خان،پادىشاھ دەك زوقلىنىپ ھەممىسىنىڭ خوشلىقى،
نەزمە-قوشاق باشلىنىپ،نەۋرۇز بۇلاققا تاشلىدى.
 
- ئەل شىپائى ئۈرۈمچى 2016- يىلى 20-مارت






207 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-21 19:55:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ