جېنىم سېنى سۆيىمەن دىلدىن
ھوشۇر ئامىرجان ئاتەشى تاجىك
ھەۋەس قىلما ئۆزگە - بۆلەككە ،
جېنىم سېنى سۆيىمەن دىلدىن !
ئۇتنى سالدىڭ مەجرۇھ يۈرەككە ،
جېنىم سېنى سۆيىمەن دىلدىن !
ھېچكىمدە يۇق سەندە بار پۇراق ،
ھېچكىمدە يۇق سەندە بار سىياق.
سەن زېمىنغا كەلگەنسەن ياياق ،
جېنىم سېنى سۆيىمەن دىلدىن !
سەندىن ھۇزۇر ئالىدۇ كۈنمۇ ،
رەشىك ئۇتتا كۆيىدۇ تۈنمۇ .
سەنسىز تىلىدىن چىقمايدۇ ئۈنمۇ ،
جېنىم سېنى سۆيىمەن دىلدىن !
سەن بولمىساڭ ئىلامىم نەدە ؟
سۈرەتتەك پاك ئارمىنىم نەدە ؟
يازارغا شېئىر -داستانىم نەدە ؟
جېنىم سېنى سۆيىمەن دىلدىن !
سەن بار ھايات چۈشتەكلا گۈزەل،
تەلپۇنىدۇ ساڭا ئاسمان -يەر .
سۆيگىن ، سۆيەي كۆز يۇمغان قەدەر،
جېنىم سېنى سۆيىمەن دىلدىن !
بىلسەڭ تاڭمۇ سېنى دەپ ئاتتى ،
ئايىغىڭدا سىر -تۇپراق ياتتى .
سۆيگۈم سەندە ۋەسلىنى تاپتى ،
جېنىم سېنى سۆيىمەن دىلدىن !
| 79 قېتىم كۆرۈلدى | ejran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-3 0:26:38 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|