ئىككى بەخىت
مۇكەرەم ئەخمەت
سەن ساقلايسەن پىنھاندا بىر سىر ،
مەن ھەم كۆمدۈم سۈكۈت ئىچىگە.
بەخىت تامان يول ئالغان ئىزلار ،
ئەمما ماڭدۇق ئايرىم مەنزىلگە.
بىر بەخىتنى كۆزلەيمىز بەلكىم ،
ئەمما مەنسىز ھەم سەنسىز يانا ،
جاۋابى يوق سوئال تەشۋېشنىڭ ،
چۈشىنەلمەي ھەيرانمىز ئاڭا .
نىگاھلار ئۇچراشقان شۇ دەقىقە ،
يەر جاھان ئايلىنار بىر ئەزىم بولۇپ.
بىلىمەن ئۇنتۇلماي كۆمۈلگەن سۆيگۈ،
قايتىدىن يۈرەكتە يانار چوغ بولۇپ .
يۈرەكنى مەيلىگە قويماستىن دەقىق ،
خۇشھال سالام دىيىشىم كىرەك.
كۈلۈپ تۇرۇپ خەيىرلەش سەنمۇ ،
ئازابسىز ئۈمىدني ھىس قىلسۇن يۈرەك .
| 169 قېتىم كۆرۈلدى | مۇكەرەم ئەخمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-9 22:53:20 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|