نومۇسنى بىلسە (شېئىر) - ​رەھمىتۇللا تۇرسۇن

 نۇمۇسنى بىلسە
       
رەھمىتۇللا تۇرسۇن

ۋىجدان بىلەن ياشايدۇ ھەركىم،
ئ‍الدىمايدۇ ھېچكىمنى ھېچكىم.
سۇخەنچىلەر گەپ تاپماس بەلكىم،
نۇمۇسسىزلار نۇمۇسنى بىلسە.

زۇۋال تاپار غەيۋەت-شىكايەت،
كامال تاپار ئ‍ىنساپ-دىيانەت.
تىكلىنىدۇ ئ‍ابرۇي-ئ‍ىناۋەت،
نۇمۇسسىزلار نۇمۇسنى بىلسە.

تولغانمايدۇ ھەسرەتتە دىللار،
بۇلبۇل كەبى سايرايدۇ تىللار.
شان-شۆھرەتكە تولىدۇ يىللار،
نۇمۇسسىزلار نۇمۇسنى بىلسە.

بولماس رەنجىش ئ‍اغرىق ئ‍اداۋەت،
تۈگەپ كىتەر دىلدىن قاساۋەت.
ھەركىشىگە ھەمرا قانائ‍ەت،
نۇمۇسسىزلار نۇمۇسنى بىلسە.

چاڭ سالمايدۇ ياتنىڭ ھەققىگە،
ھەسەت بىلەن باقماس بەختىگە.
ۋىژدانىنى قۇيماس رەنىگە،
نۇمۇسسىزلار نۇمۇسنى بىلسە.

ئ‍ۆزگلەرگە ئ‍ۇرا كولىماس،
تالاپەتكە دوستنى توۋلىماس.
دۇرۇس ياشار ھايۋاندەك بولماس،
نۇمۇسسىزلار نۇمۇسنى بىلسە.

(بىرقىسىم  نۇمۇس دەۋاسى قىلىدىغان ئ‍ەمما نۇمۇسنى بىلمەيدىغانلارغا بېغىشلايمەن)
     





102 قېتىم كۆرۈلدى AHTAR ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-5 17:32:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ