كەچۈر قەدرىيە
ئىستاكانىم (قەدرىيە) گە
خېلىل جىبران
كەلدى كۈنلەر ئەجەپ كەلدى ھە،
شۇنچە سوغوق بىلىنەر ھەممە يە،
سوغوق كۈنلەرنى قىلىپ ھەدىيە ،
ئاسمان ئېگىز قاتتىق ئەمدى يە،
پۇرسەت بەرگىن كەچۈر قەدىريە.
بەرمەكتىمەن ئۆتمۈشتىن ھىساب،
ئاغرىتتى ۋىجدان يۈرەكنى قىيناپ،
ئىگەم بەردى كۆڭلۈمگە ئىنساپ ،
سۆزلىمەس يۈرەك يالغاننى قىستاپ،
پۇرسەت بەرگىن ، كەچۈر قەدىريە،
ئاجىز يارالغان بەندە ئىكەنمەن ،
كەلگۈسىنى ھېچ بىلمەپتىكەنمەن،
ئەسلى سىنىڭسىز يۈرەلمەسكەنمەن،
تەبەسسۇمىڭسىز كۈلەلمەسكەنمەن،
پۇرسەت بەرگىن كەچۈر قەدىريە.
كۆڭلىڭگە ئازار بەردىم كۆپ قېتىم،
قانچىلىك ئازاپ چەكتىڭ ھەر قېتىم،
ئازار بەرمەيمەن ئىشەن بۇ قېتىم،
ماڭا ئىشەن ، ئىــشەن بىر قېتىم ،
پۇرسەت بەرگىن ، كەچۈر قەدىريە.
يۈز كىلەلمەيمەن ساڭا ئۆزۈمگە،
ئىشنىپ قوي بىررەت سۆزۈمگە،
قاراپ باققىن نۇرسىز كۆزۈمگە،
كۆزۈمدىكى يۈرەك سۆزۈمگە،
پۇرسەت بەرگىن كەچۈر قەدىريە.
كەلگۈسىم بول قەدرىيە
373 قېتىم كۆرۈلدى | helil1 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-3-7 17:14:51 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-3-8 9:54:13 | مۇپەتتىش |
قاپىيەگىلا كۈچەپ مەزمۇننىڭ تۇراقلىقغا ئەھمىيەت بىرىلمەپتۇ ، تىرىشىڭ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|