پويىز سەپىرى - چاچما شېئىر
پويىز سەپىرى

چاچما شىئىر

پويىز سەپىرى داۋاملاشماقتا،
 بسلمغان يولنىڭ داۋامنى بسىپ، ياق!
 بۇ نەچچە-نەچچە بسلغان يول،
بسلشى لازىم بولغان يول،
 بەلكىم ئ‍ەمدى قايتا بىسلماس يول…

 بۇلۇڭدىكى دەرىزە ينىدا،
 قۇرۇلدى خىيالخانە،
 نە بلىنمەس سەپەرنىڭ ئ‍ۇزۇنلىقى،
 نە سىزىلمەس بەدەننڭ ئۇيۇشقىنى ،
 ئ‍ۇنتۇلدى ئ‍ەتراپدىكى ھەممە-ھەممە،
 پەقەت پويىزنىڭ رېتىمىلىق ئ‍اۋازى،
 تۇيۇقسز ئ‍ەسكە سالار دۇنيانى.

 دەرېزە سىرتغا تكلگەن كۆزلەر،
 مەس بولار چەكسز خىيالدا،
 ئ‍يتىپ بىرەلمەس نىملەرنى كۆرگىنىنى،
 ئ‍ھتمال قىتىپ قالار قارچۇقتا،
 خىيال ئ‍الىمنىڭ بىر پارچىسى.

 يولدا خيال ،
خىيالدا يول ،
 ۋاقىت ئ‍ىككسنى تىپشتۇرماقتا…
 خىيال يولىنى ھىچ تاپالماي،
 يول خيالنى تۈگىتەلمەي،
 ئ‍اخىردا ئ‍ۆزى تۇگەپ كەتمەكتە.

 -گۆھەرنىسا -2015-12-8




110 قېتىم كۆرۈلدى گۈھەرنىسا ـ يار كەنىت ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-30 1:19:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ