ۋەتىنىم دەيمەن

         ۋەتىنىم دەيمەن

رۇشەنگۈل مۇھەممەت(مودەن)

ئۆزگە  يۇرت تاجى يەتمەس،ئېسىل ئىلىم ئۇلتانى دەيمەن،
ئەللەك ئالتە ئۆستى گۈللەر،ۋەتەن باغ  بوستانى دەيمەن.

ئانار دانىسى سەن ھەم مەن،تىزىلدۇق بىر گۈزەل رەت-رەت،
جىپلىشىپ ھەم جىرلىشىپ،بىر گۈزەل گۈلشەنى دەيمەن.

كۆز تەگمىسۇن مۇنچاق ئاساي ۋەتىنىم بوينۇڭغا بىر،
شۇ ۋەتەن قوينىدا ئۆستۈم كۆڭلى توق روشەنى دەيمەن.

ئاسمىنىڭ لاچىن بولۇپ ،كۆكتە پەر قاقتىم بۈگۈن،
سۈپسۈزۈك ئاسمان مىنىڭ خۇش  ئۆيۈم سەيلانى دەيمەن.

سىنىڭ قوينۇڭ ئىللىق ماكان،بىر گۈزەل ئەزىم دەريا،
شات كۈيۈم ھەريان چېچىلسۇن،زەر ياقۇت فونتانى دەيمەن.
     

مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589






153 قېتىم كۆرۈلدى modan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-12 19:21:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ