ئابدۇرەشىتخان پالۋانغا مەدىھيە

ئابدۇرەشىتخان پالۋانغا مەدىھيە

 

ئېھسان(ئاۋات)

 

 نامە يازغۇم كەلدى مىنىڭ پالۋانغا،

 ئەل-ۋەتەندىن ئىسىل دۇئا ئالغانغا.

 ھەملە قىلىپ كەلسىمۇ گەر رەقىبى،

 ئىكىلەنمەي مۇش-پەشۋانى ئاتقانغا.

 

 بولغاچ ئۇندا شىردەك يۈرەك جاسارەت،

 باش ئەگمەيدۇ ئىگىسىدىن باشقىغا.

تەبرىك يازماي يۈرسەم بەكمۇ قاملاشماس،

ئون ئىككى رەت ئالتۇن مىدال ئالغانغا.

 

 قاۋۇل تەقى-تۇرقى ئۇنىڭ تىپىك مىسالى،

 «تەڭرى تاغنىڭ يىلپىزى» دەپ نام ئالغانغا.

 ئەل-جامائەت قويماس يىلپىز نامىنى،

ئۆزى كىچىك شادا پاقالچەك تايغانغا.

 

يازسام يازسام تۇگىمەيدۇ بۇ ماختاش،

 ئۇيغۇرۇمنىڭ پالۋانى دەپ نام ئالغانغا.

 ماختاشلىرىم ھەرگۈز ئارتۇق بوپ قالماس،

 چۈنكى ھېچ قاتمىدىم مەن راستنى يالغانغا.

 

  2015/16  ئاۋغۇسىت (چىڭقى چۈش - دىيارى ئاۋات)

 

ئۈندىدار  1410037590/ihsan571633





238 قېتىم كۆرۈلدى ihsan571633 ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-16 23:56:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-17 9:28:02 ئايشەمگۈل
بەك ياخشى يېزىپسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ