​ئۇيغۇر تائاملىرى (شېئىر) - تاھىر مۇھەممەدمەشئەلى

ئۇيغۇر تائاملىرى

تاھىر مۇھەممەدمەشئەلى

ئاختۇرساڭمۇ يەتتە  ئىقلىم جاھاننى،
تاپالمايسەن ئۇيغۇردا بار تائامنى.
ماختىماستىن تۇرالمايمەن باشتىلا،
گىردە، شىرمان،جۆۋەندىنى، ئاق ناننى.

تاماقلارنىڭ سۇلتانىدۇر شاھ پولۇ،
نېمە يەتسۇن ئۇنىڭ لەززەت تەمىگە.
كەم بولمايدۇ داستىخاندا ھەرگىزمۇ،
توي تۆكۈن ھەم،نەزىر- چىراغ پەتىگە.

گۈزەللەرنىڭ سۇمبۇل چېچى مىسالى،
لەغمىنىدۇر  ئۇيغۇرۇمنىڭ  ئۆزگىچە.
ماركوپولو ماختاپ يېگەن ئەينى چاغ،
شۇ تارىخمۇ يىتىپ كەلگەن بىزگىچە.

قولى تەملىك ئاشپەز ئۇستام توۋلايدۇ،
پېتىر مانتا ئوخشاپ كەتتى مەرھەمەت.
گۆشنان بىلەن  بولاق مانتا كۆك پۆرە،
قۇۋۋىتىنى ماختاش يەنە نە ھاجەت.

يالقۇنلاردا سىڭىپ پىشقان گۆشگىردە،
تىلغا ئالماي ئۆتەلمەيمەن  سامسېنى.
نارىن، ئۈگرە،يوبدان  بىلەن چۆچۈرە.
لىغىرداقتىن ئىچىۋەتتىم قانچىنى.

كاۋاپ بىلەن ئۇيغۇر نامى چەمبەرچەس،
جاھان ئەھلى چىقىرىدۇ بارماقنى.
شورپىلارنىڭ قۇۋۋىتىگە نېمە تەڭ.
ئۇنۇتمىدىم يەنە تېخى قۇرداقنى.

ناشتىلىققا تەييارلانغان ھالۋىمۇ،
ئەتكەنچايغا گۈلى  گۈلگە كەلگەندەك.
چوقا پاچاق ئۆپكە ھېسىپ تەمىنى،
تامشىدىممەن  خۇددى ھازىر يېگەندەك.

ئاق قەغەزگە يېزىپ بولاي قانداقمۇ،
تەنگە قۇۋۋەت تائامىنى خەلقىمنىڭ.
تاڭ قالدۇرغىن ئەل جاھاننى ئۇيغۇرۇم،
شۇندا ئاچار چېچەك گۈلى بەختىڭنىڭ.

2017-3-7             غۇلجا.
ئاپتور غۇلجا شەھەر بايانداي بازىرىدىن
     





86 قېتىم كۆرۈلدى maxali1 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-31 4:22:40  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ