مېھرىبان ئانام
( ئاپتورى كىچىك ئۆتكۈر ئۇيغۇرى )
ئۆزى يىمەي -يىگۈزۈپ بېقىپ ،
ئۆزى كىيمەي -كىيگۈزگەن ئانام .
گاھ كۈلۈپ گاھ يىغلىغىنىمدا ،
بىرگە بولغان مېھرىبان ئانام .
كىچكىمدە تەپىلەپ بېقىپ ،
قىلىقلىرىم بەكمۇ خوش يېقىپ .
كېچىلەردە ئويغۇنۇپ كەتسەم ،
كىرپىك قاقماي ئولتۇرغان ئانام .
تائام يىسە ئاۋۋال بالام دەپ ،
سوغۇق كېلەرمۇ ياكى ئىسسىق دەپ .
سەل ئاغرىسام ھۆتۈلۈپ قېلىپ ،
تائاملىرىغا چەك قويغان مېھرىبان ئانام .
( مېھرىبان ئانىلىرىمزنىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلمىسۇن تەنلىرى ئامان بولسۇن
چىرايىدىن كۈلكە كەتمىسۇن )
( ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ )
103 قېتىم كۆرۈلدى | kiqikotkur | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-8 16:56:33 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-9 17:29:03 | WaLi aTA HaN |
ساڭا ئۇچۇق زىھىن ۋە ئىلھاملا ئاتابۇلسۇن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|