خىيانەت
شاھى مەردانى
ئاپەت بولدۇڭ مېنىڭ سۆيگۈ بېغىمدا،
يار كۆڭلىدىن كۆتۈرۈلدى دىيانەت.
خاراپ قىلدىڭ ئەقىدەمنى ھەممىنى،
قەيەرلەردىن ئۇچۇپ كەلدىڭ خىيانەت.
مەن نىگارنى ئاسماندىكى ئاي دىسەم،
ئۇ بولغاچقا خوشاللىقىم باي دىسەم.
پەقەت ماڭا كۆيىدىغان يار دىسەم،
زادى كىمدىن كۆچۈپ كەلدىڭ خىيانەت.
سەن كەلگەندە كەتتى ياردىن ۋاپالار،
ھەق بىلىندى ئۇنىڭ ئۈچۈن خاتالار.
سېلىپ دىلغا ئاجايىپ كۆپ جاپالار ،
يۈرىگىمنى پۇچۇپ كەلدىڭ خىيانەت.
ھەممە بىزگە بولغان ئىدى ھەيرانە،
ئىشەنچ بىلەن ئېچىلغان شۇ گۈل لالە،
ئەمما لېكىن قىلدىڭ خاراب ۋەيرانە،
نەدىن زەپەر قۇچۇپ كەلدىڭ خىيانەت.
74 قېتىم كۆرۈلدى | شاھى مەردانى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-23 14:18:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|