ئانا (شېئىر) - جاپاكەش ئانامغا ئاتاپ يازدىم

 ئانا

مىرزەكىم مىرغىياس


ئانىدۇر دۇنيادا بىرئۇلۇغ ئىنسان،
”ئانا“ دەپ ئېتىلدى تۈمەنمىڭ داستان.
ئاددىي بىرئىنسانسەن مېھرىبان ئىللىق،
ئۆمرۈڭدە بالام دەپ قەدەملەر باسقان.  

ياڭرىدى سېنىڭدىن ئەللەي كۈيلىرى،
ئۇيقۇ يوق كۆزۈڭدە كىچە تۈنلىرى.
ياشىغىن مەڭگۈگە تۈمەن مىڭ يىللار،
ئانىسىز ئۆتمىسۇن ئىنسان كۈنلىرى.

ئېسىمدە ھازىرمۇ سەن ئېيتقان غەزەل،
بالام دەپ باغرىڭغا باسقىنىڭ مېنى.
پەرىشتە سۈپەتلىك ئۇلۇغ بىر زات سەن،
شۇڭا مەن مەڭگۈگە كۈيلەيمەن سېنى.

مىرزەكىم مىرغىياس
غولجا جىلىيۈز
     





427 قېتىم كۆرۈلدى مىرزەكىم مىرغىياس ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-23 4:42:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-28 16:48:43 ساۋۇت
ياخشى يېزىلىپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ