ئاتۇش مۇناقى
ئاتۇش مۇناقى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) تاشلىق زىمىن ئاتۇشنىڭ ، ئىسسىق بولغاچ ھاۋاسى ، ئىشچان خەلقىم بەك ئىللىق ، ھەممە يەردە ساماسى ، سورىشىدۇ مۇناقى ، كەلسە مېھمان ئاتۇشقا ، ھەممە يەردە ئۈزۈمزار ، بوش قالمىدى سالاسى . ساپاقلىسا مۇناقى ، قاماشتۇرار كۆزلەرنى ، قىلىپ مېھمان ئىنتىزار ، سېغىندۇرار بىزلەرنى ، مەرى ئىسسىق مۇناقى ، زادى قاچان پىشۇرسەن ؟ لەۋلىرىمنى چەكتۈرمە ، تويۇندۇرغىن ھېسلارنى . پىشىپ قالسا مۇناقى ، ئۈزۈپ قويما شېخىدىن ، ھوزۇرلۇنۇپ مېھمانلار ، ئۈزۈپ باقسۇن بېغىدىن ، مۇناقى بەك شېرىندۇر ، كىلۇر ھەممە يىگۈسى ، ئاسماقلىسا ناۋادا ، كۆزنى يەيدۇ يېغىدىن . تېزرەك پىشقىن مۇناقى ، تاقەت بولدى كۆزىمىز ، مۇناقىنى شېخېدىن ، مېھمانلارغا ئۈزۈمىز ، ئىشتىھادا زوقلۇنۇپ ، ھوزۇر ئالسۇن مېھمانلار ، خۇشال بولۇپ زوقلىنىپ ، ئەجرىمىزدىن سۆينىمىز . كاپ-كاپ يۈتۈپ چاينىشىپ ، ھوزۇرلانسا مېھمانلار ، ئاتۇش خەلقى خوش بولۇپ ، دىلدا قالماس ئارمانلار ، ئۇچۇر بېرەي مېھمانلار ، پىشتى ئاتۇش مۇناقى ، تېزرەك كېلىپ يەپ كېتىڭ ، بېرەر شۇنچە ھوزۇرلار . يۇرتىمىزنىڭ مۇناقى ، مىۋېلەرنىڭ شاھىدۇر ، تېتىپ باققان كىشىلەر ، تائەبەتكە قايىلدۇر ، شۇنچە شېرىن ھەم تاتلىق ، ئېغىز تېگىڭ پىشقاندا ، قەدىرلىگەچ دوستلۇقنى ، ساھىپخانلار رازىدۇر . ئاتۇش خەلقى ئىللىق دەپ ، ھەممە شۇنداق ئاتاشقان ، شېرىن مۇناق ئۈزۈمى ، ھويلىلارغا ياراشقان ، كەلگىن دوستلار بىر قېتىم ، مېھمان بولۇپ يۇريۇمغا ، مېھمان كەلسە خەلقىمىز ، ساھىپخانلىق تالاشقان .



26 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-26 17:31:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ