ئۈمىد
ئاپتۇرى:مىھىرنىسا قۇربان
بىر ئۈمۈد بار مېنى ئالغا ئۈندەيدۇ،
بۇ ھاياتقا كۈلۈپ تۇرۇپ باق دەيدۇ·
يانما ھەرگىز ماڭغان ھەر بىر قەدەمدىن،
يوللىرىڭغا ئۈمۈد شامى ياق دەيدۇ·
شۇ ئۈمۈدتە ھەر كۈن بىللە ياشايمەن،
ئۈمۈد بىلەن كەلگۈسۈمگە باقايمەن.
ئۈمۈد مەشئەل يوللىرىمنى يورىتار،
ئۈمۈد بىلەن تاغ داۋاندىن ئاشايمەن·
ئۈمۈد بىلەن خوشال ئۆتەر كۈنلىرىم،
ئۈمۈدلىرىم نۇر چاچىدۇ تۈنلىرىم·
ھەر تېنىقىم نەپەسلىرىم ئۈمۈدتۇر،
ئۈمىد بىلەن نەزەر سالار كۆزلىرىم·
ئۈمىد بىلەن ياشايلى بىز بىر ئۆمۈر،
ئۈمۈد باشلار بىزنى گۈزەل ئەتىگە،
ئۆتەر ھايات ئۈمىد بىلەن مەنىلىك،
ھەر بىر كۈنلەر تولسۇن ئارزۇ ئۈمىدكە·
2016-7-10 غۇلجا شەھىرى
108 قېتىم كۆرۈلدى | 2550325358 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-9-10 20:49:01 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|