سۆيەلىسەڭ مەندىن باشقىنى - مەمەتئابدۇللا مەمىتىمىن

سۆيەلىسەڭ مەندىن باشقىنى

مەمەتئابدۇللا مەمىتىمىن  (نۇريار)

 -‏
‏ سۆيەلىسەڭ مەندىن باشقىنى،
رەنجىمەيمەن سىنىڭدىن جېنىم.
مۇھاببەتلىك ئۆتكەن ھاياتتىن،
يوقتۇر ئەمدى ئۈمىدىم مىنىڭ.

سۆيەلىسەڭ مەندىن باشقىنى،
كۆرىنمىگىن كەتكىن يىراققا.
چىقىرۋتتى ئالدانغان كۆڭلىم.
ئەمدى سىنى مەرھۇم سىياققا.

بارلىقىمنى ساڭىلا ئاتاپ،
ۋاپاسىزلىق ماڭا قايتقىنى.
نەپرەتلىرىم سوغاتتۇر ساڭا ،
سۆيسەڭ ئەگەرمەندىن باشقىنى.  


 (  قاراقاش  )
     





118 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتئابدۇللا مەمىتىمىن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-21 0:39:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ