ئ‍ايرىلغان كۈن

ئ‍ايرىلغان كۈن

 

يازغۇچىلار تورىدىن قىزىل  تۇمان يازمىسى

 

سەن قالدىڭ مېنى ئ‍ۇزىتىپ بۈگۈن،

 مەن ماڭدىم ئ‍ازاپتا ئ‍ايرىلىپ سەندىن.

 ۋاپاسىز بولدۇم مەن كەچۈرگىن مېنى،

 ئ‍ازاپتا ياش تۆكسەڭمۇ رەنجىمە مەندىن.

 

بەلكىم بۇمۇ مېنىڭ تەغدىر-پېشانەم،

 بىلسەڭ سەندىن ئ‍ايرىلغۇم يوق مېنىڭ.

 يۈرۈكۈم ئ‍ازاپتا يىغلىدى زار-زار،

سوراپ باقاي يىغلىدىمۇ يۈرۈكۈڭ سېنىڭ.

 

 كونىلار دەيدىكەن ئ‍ايرىلىش بەك يامان ،

ئ‍ادەمنى دەرت-ھەسرەت قىلىدۇ قامال.

 ئ‍اقىدۇ يۈرىكىمدىن قىرتاق ئ‍اچچىق ياش،

 ئ‍ۇچۇرۇپ كەتكىن يىراققائ‍ازاپنى شامال.

 

 تىلەيمەن بەزىدە ساڭا زور بەخىت،

 سىقىدۇ ئ‍ىچىمنى ئ‍اچىچىق بىر سېزىم .

 يۈرۈگۈم سىلكىنىپ ئ‍اغىرىدى بىر پەس ،

 بىلمىدىم مەن كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم.

 

 ئ‍ايرىلغۇم يوق تۇرۇپ ئ‍ايرىلدىم سەندىن،

 ئ‍ازاپتا قالدىم ئ‍ەمما مەن بۈگۈن .

 ۋاپاسىز بولدۇم  مەن سېنىڭ قەلبىڭدە ،

 كۆڭلۈمدە بار سەن يەشمىگەن تۈگۈن .

 

 مەن كەتتىم ئ‍امان بول يايرىم،

 ھەرۋاقىت تىلەيمەن سېنىڭ بەختىڭنى.

 ياش تۆكمە كۆڭلۈڭنى قىلما پەرىشان ،

ۋاپاسىز دېسەڭمۇ سەن كەچۈرگىن مېنى .





137 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-9 22:25:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ