ئائىلەڭ (شېئىر) - مەمەتجان سەمەت

 ئائىلەڭ  
مەمەتجان سەمەت


ئويلاپ باسقىن ھەر بىر قەدەمنى،
باسقان ئىزدىن گۈللىرىڭ ئۈنسۇن.
گۈلدەك  گۈزەل  ئىناق  ئائىلەڭ ،
توزۇپ كەتمەي بەخىتكە چۈمسۇن.

رەنجىتمىگىن نازۇك دىلىنى،
ئايالىڭنىڭ  قىلىپ  قەدرىنى.  
خۇشاللىققا تولسۇن ئائىلەڭ،  
بۇ ھاياتنىڭ سۈرۈپ پەيزىنى.  

ۋاپاسىز شۇ جانان كەينىدىن،
كېتىپ قالما ئېزىپ ئەقلىڭدىن.
توزۇپ كېتەر كۈلدەك  ئائىلەڭ،
كەتسەڭ ئ‍ەگەر سېنىڭ دەستىڭدىن.

ئۆز يارىڭدەك ھېچكىم كۆيمەيدۇ،
چىن دىلىدىن سېنى سۆيمەيدۇ.
يوق بولسا گەر ئاشۇ ئائىلەڭ ،  
كۈنىڭ ئەسلا خۇشال ئۆتمەيدۇ.

ئاپتۇرى . مەمەتجان سەمەت
ئ‍ۈندىدار : چ چ . 30838150
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ
     





306 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-21 20:21:54  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ