دەردىم تۇلا
رەھمىتۇللا تۇرسۇن
دەردىم تۇلا يارىم بۇنى بىلەمسەن،
مەن يىغلىسام سەن ئېچىلىپ كۇلەمسەن.
ياكى مەندىن باشقا بىرىنى سۇيەمسەن،
ماڭا بىر رەت قاراپ قۇيساڭ ئۆلەمسەن.
شۇنچە قىلدىم بىلمىدىم يار سىرىڭنى،
بىر ئۆمۇر يەككە-يىگانە ئۆتەمسەن.
مەنچە كۆيەر كىممۇ كۆيسە يار ساڭا،
ياكى مەندىن ئارتۇقىنى كۇتەمسەن.
شوخ كىيىكتەك كۈلۈپ-كۈلۈپ قاچىسەن،
ئەتراپىڭغا ئىپار-ئەنبەر چاچىسەن.
ئىچىم كۆيەر ھەجەپ تاتلىق كۈلىسەن،
يۇرۇگۇمنىڭ خۇشپۇراقلىق گۈلىسەن.
لال بۇلۇپ زىلۋا بۇيۇڭغا ئەي-جانان،
ئەيلىسەم كۆڭۇل سۇزۇمنى مەن بايان.
قىلمىغىن يېراق قېچىپ ھالىم يامان،
ھىلىمۇ دەردىڭدە رۇخسارىم سامان.
ناخشا تىكىستى ئىشلەتكۇچىلەرئاپتۇر بىلەن ئالاقىلىشىڭ
13699976214
37 قېتىم كۆرۈلدى | رەھمىتۇللا تۇرسۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-27 18:13:42 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|