ئانا - نەسىر - بەك ئىسىل

ئانا

 

 ئالىمجان ئاخنىياز

 

《ئانا》دىگەن ئىسمىڭنى چاقىرۋىتىپ تۇيۇقسىز قايسى كۈنى باغدا كىتاپ كۆرۈۋاتقاندا دىققىتىمنى تارتقان، بىر تال قۇرتنى چىشلىۋىلىپ ئۇۋىسى تەرەپنى كۆزىتىۋاتقان قۇش يادىمغا كەپ قالدى ، قۇش قۇرتنى چىشلەپ نىشانىغا قاراپ كەتتى ، ئۇنىڭ نىشانى ئەلۋەتتە ئۆز ئۇۋىسى ئۆز بالىلىرى …

 بىلەمسەن ئانا ، سېنىڭ بىزگە بەرگەن مېھىرلىرىڭ ئاشۇ قۇش چۆجىلىرىگە بەرگەن قۇرتلاردىنمۇ كۆپ ، 《ئىللىق》ھەم《تاتلىق》ئەمەسمۇ !! مېھىرلىرىڭگە قانمايمىزكەن ئانا …

كىچىكىڭدە سەنمۇ بىزلەردەك غەمسىز ئىدىڭ ھە !؟ ئويلاپ قالىمەن جېنىم ئانا ، ئەتىگىنى مەن تۇرغاندا ئاللىبۇرۇن ناشتىلىقلىرىم تەييار، يەنە تېخى بىر ۋاقىتلارغىچە كىيىملەرنى يۇيۇپ رەتلەيسەن ، ئۆي تازلايسەن ، بەڭۋاش سىڭلىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىسەن ، سەن چارچىمامدىغانسەن ئانا ؟

 ئارام كۈنلىرىمدە ئازغىنە نەرسىلەرنى يېزىپ بولغىچە سالقىن ئۆيدىمۇ تەرلەپ بولالماي قالدىم ،قىززىق تۇنۇرغا باشلىرىڭنى تىقىپ نان ياققىنىڭدا ، چاچلىرىڭ ، ئىللىق ھەم مېھىرلىك يۈزلىرىڭ ئوتنىڭ تەپتىدە كۆيۈپ بەدەنلىرىڭدىن تەر قويۇلۇپ بىئارام بولمامسەن ئانا ؟

 قايسى كۈنى سىڭلىم قىزىپ قېلىپ بىر كېچە ئۇخلىماي چىقتى ، ئەمما ھەممىمىز ھەتتا داداممۇ ئۇخلاۋەردى ، يېرىم كېچىدە چىققىنىمدا :

 ــ ئۇخلاۋار ئوغلۇم ، ئەتە چارچاپ قالىسەن دېدىڭ ، بىلىمەن خىزمىتىم جاپالىق ئەمما سېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭمۇ ئاز ئەمەس ئاسان ئەمەسقۇ ئانا !! ئەتىگىنى تۇرغىنىمدا ناشتىلىقىم ئۆز جايىدا تەييارلاقلىق ، سەن بولساڭ يەنىلا تۇنۇر بېشىدا ، جېنىم ئانا سەن چارچىمامسەن ؟ ئانا دىگەن بالا ئۈچۈنلا ياشايدۇ دەيسەن ، ئەمما بىز بالىلىرىڭ سەن ئۈچۈن نىمە قىلىپ بەردۇق ؟ نىمە قىلىپ بېرەلەمىز ئانا ؟

 يىغلاۋاتىمەن ئانا ، چوپچوڭلا تۇرۇپ يىغلاۋاتىمەن ، كۆزلىرىمدە تامچە يوق ، ئەمما يۈرەكلىرىم بىلەن يىغلاۋاتىمەن ، سېنىمۇ ئاللاھ بىزدەك گۆشتىن ياراتقانغۇ ؟ كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا يېنىڭدىلا بولىدىكەنمىز ، ئەمما ئۇ چاغدا ساڭا ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمەيدىكەنمىز ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئوقۇش ، خىزمەت ، ئويۇن ــ تاماشا بىلەن بولۇپ كېتىپ يېنىڭدا بولالمايدىكەنمىز ، رەنجىدىڭغۇ بۇلار ئۈچۈنمۇ ! ياق سەن رەنجىپ باقمىدىڭ، چاچلىرىمنى سىيلاپ تۇرۇپ سەن ئۈچۈن ئەكەلگەن ئازغىنە سوۋغاتلىرىمغا رەھمەت دېدىڭ،  ئەمما بىز پەرزەنتلەرنىڭ قايسىمىز سەن بىز تۇغۇلغاندىن بېرى ئۈزمەي بېرىۋاتقان سوۋغىتىڭغا يەنى مېھرىڭگە، 《ئانا مەن ئۈچۈن تۆككەن تەرىڭگە ، بەرگەن مېھرىڭگە رەھمەت 》دەپ باقتۇق …

 سەن ماڭا بەك نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتىڭ ، ئادىمىيلىك ، ۋىجدان ــ غۇرۇر ، ئەدەپ ــ ئەخلاق … مۇشۇلارنىڭ قايسى بىرى سېنىڭ قېنىڭدىن مېنىڭ قېنىمغا سىڭمىگەن ، مۇھەببەت ، ئىشەنچ … مۇشۇلارنى ماڭا دەل سەن ئۆگەتكەن ئەمەسمۇ !!

 بۈگۈن ساڭا رەھمەت ئېيتاي ئانا ، چىن قەلبىمدىن چىقىرىپ رەھمەت ئېيتاي ، مېنىڭمۇ راھىتىمنى كۆرگىن دەيمەن ، مېھرىڭنى بېرىپ ، بىز ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىپ توختىمىدىڭ ، سەنمۇ چارچىدىڭ دەيمەن ، ئەجىبا ئانىلار 《بە》نى ئۆگىنىپ 《ئېلىپ》نى ئۆگەنمىگەنمۇ دەپ سورايمەن !!

بۈگۈن قوللىرىڭنى تۇتىۋىدىم ئۆزۈمچە خىجىل بولۇپ كەتتىم ئانا ، قوللىرىم شۇنداق يۇمشاق، ئەمما سېنىڭ قوللىرىڭ شۇنداق قاتتىق ، يەنە بىر نەچچە يەردە قاداق ئىزلىرى تۇراتتى،  يىغلىۋەتتىم ، كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشنى توختتالماي ، پۇتۇڭنى يۇيۇپ قۇياي دەپ كۆز ياشلىرىمنى داستىكى سۇغا ئېقىتتىم، چۈنكى بېشىمنى كۆتۈرسەم ياكى يېشىمنى سۈرتسەم سېنىڭمۇ مەن بىلەن تەڭ ئازابلىنىدىغانلىقىڭ ماڭا ئايان …

 پۇتلىرىڭنى كۆز ياشلىرىم بىلەن يۇيۇپ قويدۇم … پۇتلۇرۇڭنى يۇيۇپ ، يۈز ــ قوللىرىڭغا سۆيۈپ قويدۇم ، شۇنچىلىك خۇش بولدۇڭ ، مەنمۇ ھەم ئۆزۈمنى يېنىڭ ھېس قىلدىم …

 قۇشمۇ چۆجىلىرىنىڭ قانىتى قېتىپ ئۇچقىدەك بولغۇچە باقىدىكەن، مېنىڭمۇ قانىتىم قاتتى،  ئۇچقىدەك بولدۇم ئەمما مەن قۇشنىڭ چۆجىسى ئەمەس ئانا ئادەم بالىسى سېنىڭ بالاڭدۇرمەن ، شۇڭا سېنى بۇندىن كېيىن جاپا تاتقۇزمايمەن … ئەمدى بولدى قىلغىن،  قۇربانلىق بېرىشنى توختاتقىن ، ئەمدى مېنىڭ راھىتىمنى كۆرىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى ئانا ، پەرزەنتىڭنىڭ راھىتىنى ، ئۈمۈد يۇلتۇزۇڭنىڭ چاقنىغىنىنى ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بەختىڭنىڭ سېنى بەخىتلىك قىلغىنىنى كۆرىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى …  ئۇلۇغ ئانىلار ئامان بولسۇن …

《ئانا قۇش 》… بىرتال قۇرتنى ئولجا ئالغان قۇش ، ئۇچۇپ كەلدى ئۇۋىغا قاراپ ، ئېچىشتى چۈجىلەر ئاغزىنى ، چۇرقىرايتتى كەتكەچ ئېچىرقاپ . ئۆز نەپسىدىن كېچىپ 《ئانا قۇش》 ، چۆجىسىگە بېرەر ئولجىنى، بىز بىلمەيمىز ئاشۇ 《قۇش 》مۇ ھەم ، يىيەلىدى《قۇرت 》تىن قانچىنى . سىڭگەن ئاشۇ ھەر بىر ئولجىغا ، مىڭچە مېھىر يۈز مىڭلاپ ھىممەت ، دېمىسىمۇ 《ئانا》لار ئۈچۈن ، پەرزەنىت بەختى ھەممىدىن قىممەت . 《ئانا قۇش》لار بېقىپ چۆجىنى ، قېتىشىدۇ تەستە قاتارغا ، ئەمما《چۆجە》《ئۇۋا》دىن چىقىپ، كەتسە نېمە قالار شۇلارغا . شۇڭا دەيمەن ئانا چېھرىدىن، خۇش يېقىملىق چېھىرلەر بارمۇ…؟

 بۇ دۇنيادا ئانا مېھرىدىن ، ئۇلۇغ ئىللىق مېھىرلەر بارمۇ ؟

 ئالىمجان ئاخنىياز 2015-07-15 (ئاقسۇ )





692 قېتىم كۆرۈلدى shaydayi ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-10 18:29:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-4-13 21:02:33 NIJAT HAYRELLA
BU asar bak yahxi yezliptu man bak yahturdim mihirban anlarga bak maskildikan rahmatsz ajiringzga rahmat..
2016-2-15 19:40:35 فىردون
ئۈندىدارىم 157906951 قوشۇلسىڭىز بۇ ئەسەرنى ئاۋازلىق قىلساق
2016-2-15 19:30:07 فىردون
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ياخشىمۇ سىز .مەن بۇ ئاۋازلىق ئەسىرىڭىزنى ئاۋازلىق قىلاي دەپ ئويلىغان قوشۇلسىڭىز ئۈندىدارىم 157906951نى قوشۇڭ
2016-2-6 1:57:54 ھەبىبە ياسىنجان غۇلجا دادامتۇ
رەخمەت ئالىمجان ئانىلار ئۇچۇن جىنىمىزنى سىپ بەرسەك ئەرزيدۇ .ئانىلار تىپىلماس گۇھەر. ئەلۋەتتە ئاتىلارمۇ با.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ