دوستۇمغا
ئادىلجان قۇربان شەيدا
سالامەتمۇ بويۇك ئۇندا كۈنۈڭ ئوبدانمۇ دىليارىم،
ئېلىپ كەتتى سالامىمنى ئېگىز ئاسماندا شۇڭقارىم،
ئوقۇش،خىزمەت كۆڭۈللۈكمۇ ئىمام بولدۇڭمۇ يا قارىم،
ئىلىم دەريالىرى ئىچرە بولۇرسەن بىر كۈنى تارىم،
بۇرادەر بىلمىسەم سەندەك نادان بىرلەن نېمە كارىم.
يېتىپ بارغانچە بۇ نامە سالام ئېيت ئىنىم مۇختەرگە ،
چوقۇم چاڭقاق دىلى قانسۇن ئىلىمگە،ھەۋزى كەۋسەرگە،
خەلق تولىمۇ ھاجەتمەن سىلەردەك نەۋقىران ئەرگە،
دىلىم ئاسمانىمۇ موھتاج قۇياشقا،ئايغا،ئەختەرگە،
نامايان بولمىغا ھېبىر قۇياشسىزئەلدەباھارىم.
سورىساڭ بۇندا ھالىمنى سالامەت كۆزدە كۆرگەندەك،
كۆنۈپ قالدىم بۇ تۇرمۇشقا ئېيىق ئورمانغا كۆنگەندەك،
ئىجاد-ئىلھاملىرىم ياخشى غېرىپ ھالىمنى بىلگەندەك،
قەلەم ئالسام سېزەر كۆڭلۈم جانان ئالدىمدا كۈلگەندەك،
چېچەكلەپ مېۋىلەر بەرسۇن مىنىڭمۇ دىلدا ئارمانىم.
لېكىن، ھەسرەتلىرىم كۆپتۇر كۈلۈپ يۈرسەممۇ چاندۇرماي،
بايان ئەيلەي ساڭا بىر-بىر ئىچىمدە زەررە قالدۇرماي
نادانلىق توستى ئالدىمنى يولۇمغا زادى ماڭدۇرماي،
بىكار ئۆتكەن شۇ كۈنلەرگە تۇرالايمەنمۇ ئاھ ئۇرماي،
سوراققا تارتقۇسى بىر كۈن ياشانغان چاغدا ۋىجدانىم.
يۈرۈپمەن بىر مەھەل توزدەك بوياپ سىرتىمنى ھەررەڭدە،
پىچاق چاغلىق قورالىم يوق نومۇسقۇ يۈرگىنىم جەڭدە،
پەرق ئەتكەننى كىم بىلگەن ياماننى ياخشىدىن مەڭدە،
قولى سۇنۇپ تالايلانىڭ بىلىنمەي قاپتىغۇ يەڭدە،
شۇ كۈن يەتكەندە يادىمغا تولۇپ تاشتى پۇشايمانىم.
ئۇدۇم بوپكەلدى بىزلەرگە چېقىمچىلىق بىلەن غەيۋەت،
بىرى تويماس، بىرى ئوغرى بىرىنى ھەم دىدۇق مەينەت،
تۆگىدىن تۈگمىنى چوڭ دەپ قىياس قىلدۇق تېخى كۆپ رەت،
چېقىپ دۈشمەنگە دوسلانى كۆڭۈلدە قوزغىدۇق نەپرەت،
ئۆزىمىز چىللىساق كۈزنى خازان بولمامدۇ گۈلزارىم.
تاۋاپ قىلدۇق نادانلىقتا ئىچەرمەنلەرنى ئۇستاز دەپ،
ھالاك بولدى تالاي ۋاقتىم كۆڭۈل ھوزورىنى ئىزدەپ،
كەيپلىكتە قىلارمىز ھېس ئېدىر-ئويماننىمۇ تۈز دەپ،
ھاراققا ئۆيلىنەمدۇق بىز بويىغا يەتمىگەن قىز دەپ،
پەقەت شۇ بىر مۇخەممەستە تۈگەرمۇ ئاھلىرىم-زارىم.
شۇ تۇرسا ھالىمىز بىزنىڭ يەنە كىملەرگە زارلايمىز،
بۇلۇت تارقالمىسا مۇدىھىش قۇياشتەك نەدە پارلايمىز،
ئارادىن چىقسا بىر دانىش شۇئان جايىدا جايلايمىز
كۈنى نىمجان ھاماقەتتىن بىرىنى ئۈلگە سايلايمىز،
بېزەڭ مايمۇن ئويۇن كۆرسە چېكىلمەمدۇ يۈرەك تارىم.
قەلەمگە ئىختىيار بەرسەم يازار ئۈچ ھەپتە باش تارتماي،
خەير بۇزماي ئارامىڭنى ۋەياكى تۈندە ئۇخلاتماي،
ئۈگەن ئىزدەن ،تەپەككۈر قىل كۆرۈنگەن قىزغا گەپ ساتماي،
كۈرەش قىلماق زۆرۈر بىزگە شۇ تەغدىر ھۆكمىگە باقماي،
ئامان بولساق كۆرۈشەرمىز باھار كەلگەندە دوستلارىم.
2015.يىل.12.دېكابىر
18 قېتىم كۆرۈلدى | ئادىلجان قۇربان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-26 22:53:14 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|