بايرىمىڭغا مۇبارەك (بارچە جاپاكەش ئاياللارغا بېغىشلايمەن) - ئەيسا

بايرىمىڭغا مۇبارەك (بارچە جاپاكەش ئاياللارغا بېغىشلايمەن) 

خ...ئەيسا سابا


    بۈگۈن بايرام، بارچە ئاياللارنىڭ بايرىمى، ئاياللارنىڭ ساقلىقى، ئاياللارنىڭ ھارماس-تالماس ئىرادىسى  ھەر كۈنى بايرام بولىدۇ،
بۇ بايرام،رايۇنمىزنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى جاپاكەش ئىشلەۋاتقان،ئاياللارنىڭ بايرىمى،
بۇ بايرام ،رايۇنمىزنىڭ ھەر قايسى يېزا قىشلاقلىرىدىكى جاپاكەش ئاياللارنىڭ بايرىمى....
ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاياللار ھەقىقەتەن جاپاكەش كېلىدۇ،،،،بۇلاردىكى مەسئۇلىيەت،بۇلاردىكى تىرىشچانلىق ھەممىنى قايىل قىلىدۇ.

جىسمانى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاياللار،ئۇلارمۇ ئوخشاشلا جاپاكەش مەسئۇلىيەتچان كېلىدۇ،
ئۇلار ئۆينى دەپ ئېتىزغا يۈگرەيدۇ،ئۆينى دەپ بىر ئۆمۈر بارلىقىنى بېغىشلايدۇ،ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ باردىغان يېرى ئتىزدۇر.......ھەقىقەتەن يېزىلاردا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاياللار ئۈچۈن شۇنداق.....
مەيلى شەھەردە،مەيلى يېزىدا بولسۇن،ئايال كىشىنىڭ يۈكى ھەممىدىن ئېغىر بولىدۇ....
ئايال دىمەك دۇنيا دىمەك.....
بارچە ئاياللارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن...
ئاياللار جاپاكەش،
ئاياللار جەسۇر،
ئاياللار سۆيۈملۈك...
ئاياللار....ئاي....
بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن بارچە ئايلار.
سالامەتلىك،تىنىچ ئامانلىق  مەڭگۈ يار بولسۇن.
ھەر كۈنىڭلار بايرامدەك بايرام بوپ ئۆتسۇن....

بايرىمىڭغا مۇبارەك،ئەي جاپاكەش ئاياللار،
دىلىڭ كۈلسۇن يايرىسۇن،بايرىمىڭغا مۇبارەك،
سەندە ۋاپا،ئەقىدە،چىن مىھىرلەر لىققىدە،
خۇشال ئۆتسۈن ھاياتىڭ،بايرىمىڭغا مۇبارەك......

2017-3-7...
ئۈندىدار2634152709
   





180 قېتىم كۆرۈلدى خ...ئەيسا سابا ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-7 13:50:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-10 17:14:46 نۇرىمانگۇل
رەھمەت بەك ياىشى يىزىپسىز ، قولىڭزغا دەت بەرمىسۇن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ